تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئۆلۈم جازاسى قانۇنى «قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز»
ئەنقەرە ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى مەزمۇن قىلغان قانۇنغا «سىياسىي ئىجرا قىلىشلار»نىڭ داۋامى دەپ باھا بېرىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىردى.
تۈركىيە: ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئۆلۈم جازاسى قانۇنى «قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز»
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى قانۇنىغا قارىتا خەلقئارا ھەرىكەتكە دەۋەت قىلدى. (ئارخىپ سۈرىتى) / AA

تۈركىيە ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا ماقۇللانغان پەقەت پەلەستىنلىكلەرگىلا يولغا قويۇلىدىغان ئۆلۈم جازاسى قانۇنىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ «ئىشغالىيەتچى كۈچ ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان ئاپارتېيد (ئىرقچىلىق) تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇش»نى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

مىنىستىرلىق بۇ قانۇننىڭ «پەلەستىن خەلقىگە قاراتقان رەت قىلىش، يوقىتىش ۋە سىياسىي ئىجرا قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ يېڭى بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكى»نى، شۇنداقلا قانۇنسىز ۋە ئىناۋەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىرلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىسرائىلىيەنىڭ مەزكۇر «ئىرقچى ۋە قانۇنسىز قەدەملىرى»گە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيەنىڭ «يەدىئوت ئاخرونوت» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قانۇن لايىھەسى ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى قېتىملىق ئوقۇشتا، 47 گە قارشى 62 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان، بېلەت تاشلاشتا جەريانىدا بىر پالاتا ئەزاسى بىتەرەپ قىلىش يولىنى تاللىغان.

باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ قانۇننى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن.

ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گىۋىر قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى «تارىخىي بىر كۈن» دەپ سۈپەتلەپ، مەمنۇنلۇقىنى ئىپادىلىگەن.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز