تۈركىيە
3 مىنۇت ئوقۇش
فىدان مىسىردا زىيارەتتە بولۇپ، رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن مىسىردا زىيارەتتە بولىدۇ
فىدان مىسىردا زىيارەتتە بولۇپ، رايونلۇق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ
/ AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ بۇ زىيارىتى ئەنقەرە بىلەن قاھىرە ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، غەززە كىرىزىسى ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدىكى يادرولۇق تېما بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان 9-ئاۋغۇست مىسىردا مۇھىم دىپلوماتىك زىيارەتتە بولىدۇ؛ تۈركىيە دىپلوماتىيە مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زىيارەت جەريانىدا مىنىستىر فىداننىڭ مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلپەتتاھ سىسى بىلەن ئۇچرىشىشىمۇ پىلانلانماقتا ئىكەن.

بۇ زىيارەت ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 100 يىللىقى تەبرىكلىنىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلگەن بولۇپ، شۇنداقلا فىداننىڭ بۇ يىل قاھىرەنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. خاقان فىدان بۇنىڭدىن ئىلگىرى 23-مارتتا ئۆتكۈزۈلگەن غەززە مەسىلىسى توغرىسىدىكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ئالاقە گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن قاھىرەگە بارغانىدى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدر ئابدۇلئاتى بولسا 4-فېۋرال تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغان. ئىككى مىنىستىر ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئىيۇن ئېيىدا ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشىنىڭ 51-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئۇچراشقانىدى.

كۈنتەرتىپتىكى ئاساسلىق مەسىلە: غەززە كىرىزىسى

قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەردە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر، رايون ۋەزىيىتى ۋە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كۆپ ساھەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

سۆھبەتتە غەززە مەسىلىسىنىڭ مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە. تەرەپلەر مىسىر، قاتار ۋە ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ۋە رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يەتكۈزۈلۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

مىنىستىر فىداننىڭ سۆھبەت جەريانىدا ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى «ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش» پىلانىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، غەززەنى قوشۇۋېلىشقا يولىدا تاشلىنىۋاتقان يېقىنقى قەدەملەرنىڭ رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ توسالغۇ بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىشى كۈتۈلمەكتە.

مىنىستىرلار يەنە تۈركىيەنىڭمۇ ئىشتىراك قىلىشى بىلەن 28-ئىيۇلدىن 30-ئىيۇلغىچە نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا پەلەستىن يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، غەززەنى قايتا قۇرۇشقا دائىر ھەمكارلىقنى مۇزاكىرە قىلىدۇ. تۈركىيە بۇ تەشەببۇسنى بۇ يىل جىددەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى يىغىنىدا قوللىغانىدى.

رايونلۇق ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر

سۆھبەتلەردە لىۋىيە، سۇدان، سومالى ۋە شىمالىي ھەمدە شەرقىي ئافرىقانىڭ باشقا جايلىرى شۇنىڭدەك ساھېل رايونىدىكى ئۆزگىرىشلەرمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ رايون مۇقىملىقىغا ئورتاق تۆھپە قوشۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىلىدۇ.

تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەر يېقىنقى يىللاردا يۇقىرى دەرىجىلىكلەرنىڭ زىچ ئالاقىلىرى ۋە ئۆزئارا زىيارەتلىرى نەتىجىسىدە زور دەرىجىدە جانلاندى.

ئىككى دۆلەت بۇ يىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە. كېلەر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋە پىرېزىدېنت ئابدۇلپەتتاھ سىسىنىڭ ئورتاق رىياسەتچىلىكىدە 2026-يىلى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا. بۇ يىغىننىڭ تۇنجىسى 2024-يىلى سېنتەبىردە ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەنىدى.

مىسىر ھازىر تۈركىيەنىڭ ئافرىقادىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى 2024-يىلى 8 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، تەرەپلەر بۇ ساننى كەلگۈسى يىللاردا 15 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا. تۈركىيەنىڭ مىسىردىكى سېلىنمىسىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 3 مىليارد 500 مىليون دوللار ئەتراپىدا.

ئىزدىنىڭ
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى غەززەدە ئىنسانىي تىراگېدىيەنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرد
ئىران ھورمۇز بوغۇزىنى بارلىق پاراخوتلارغا تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى
ئىران كۇۋەيت ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكانىڭ 18 چوڭ ھەربىي بازىسىغا ھۇجۇم قىلدى
ترامپ: ئىران دائىرىلىرى ھۇجۇملىرىمىزنى توختىتىش ئۈچۈن ماڭا تېلېفون قىلدى
ئىران ئىيوردانىيەدىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنى بومباردىمان قىلدى
ئىران ئىيوردانىيە ۋە بەھرەيندىكى ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە مىڭلىغان ئىرانلىق سۇسىز قالدى
ئەردوغان: ئىسرائىلىيەنىڭ سۈرىيە ۋە لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈركىيەگىمۇ تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ
فىلىپپىندە 7.8 بال يەر تەۋرىدى
ئىران: ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرى خەلقئارا قانۇننىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ھالدا دەپسەندە قىلىنىشىدۇر
ئىران: «ئامېرىكا بەشىنچى فىلوتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 ئامېرىكا ھەربىي نىشانىغا  زەربە بېرىلدى»
ئۇكرائىنا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى رۇسىيە بېسىۋالغان قىرىمدىكى ئۇرۇش مۇزېيىغا زەربە بەردى
ئاراقچى: «بىخەتەر بولۇشنى خالىساڭلار، رايونىمىزدىن چىقىپ كېتىڭلار!»
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
تۈركىيە COP31 يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىش كېلىشىمىنى ئىمزالىدى