خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ئىسھاق ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنىڭ چەت مەھەللىلەردىن مەركەزگە قاراپ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بىر «ۋەھشىلىشىش» مۇساپىسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى

غەربىي قۇددۇستا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پىروگراممىدا سۆز قىلغان ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ، ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىدە «قورقۇنچلۇق بىر ۋەھشىلىكنىڭ تارقىلىۋاتقانلىقىنى» تەكىتلىدى.

ھېرزوگ ئەشەددىي يەھۇدىيلارنىڭ مۇسۇلمان ۋە خىرىستىيان پەلەستىنلىكلەرنىڭ مۇقەددەس جايلىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىشغالىيەت ئاستىدىكى  غەربىي قىرغاقتا پەلەستىن تۇپراقلىرىنى تارتىۋالغان ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ «قورقۇنچلۇق» سەۋىيەدە ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.  

سۆز تېمىسى بولغان ۋەھشىلىكنىڭ ئەتراپتىن مەركەزگە قاراپ ئورۇنلىشىشقا باشلىغانلىقى تەرەپكە ئىشارەت قىلغان ھېرزوگ: «ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنىڭ چەت مەھەللىلىرىدە قورقۇنچلۇق بىر ۋەھشىلىشىش مۇساپىسى يۈز بېرىۋاتىدۇ. قولغا ئېلىنغان ۋە سوراق قىلىنىۋاتقانلارنىڭ ھېچقانداق ھوقۇقى يوق دەپ ئويلايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ ۋەھشىيلەرچە قىلمىشلىرىغا دۇچ كېلىۋاتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىسرائىلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېن-گىۋىر  نارازىلىق بىلدۈردى.

ھېرزوگنىڭ سۆزلىرى غەززەدىكى قامالنى بۇزۇش ۋە ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش ئۈچۈن يولغا چىققان ھەمدە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قانۇنسىز شەكىلدە تۇتۇپ قېلىنغان «يەر شارى سۇمۇد كېمە ئەترىتى» پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان ناچار مۇئامىلىنى ماختىغان ۋە كۆرۈنۈشلىرىنى ھەمبەھىرلىگەن ئىسرائىلىيە ئەشەددىي ئوڭچىل مىللىي بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گىۋىرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

بېن-گىۋىر X ھېساباتىدا ئېلان قىلغان ئۇچرىدا: «ئىسرائىلىيە دۆلىتىنىڭ يۈز مىڭلىغان پۇقراسىنى ۋەھشىي دەپ سۈپەتلىگەن بىر پىرېزىدېنت، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە لايىق ئەمەستۇر» دېدى.

ئەشەددىي ئوڭچىل مىنىستىر سۇمۇد كېمە ئەترىتى پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىلغان ناچار مۇئامىلىنى ئاقلاپ، ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىگە بېرىپ پەلەستىنلىك ئەسىرلەرگە قارىتىلغان ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى كامېرالار ئالدىدا كۆرسىتىشى ۋە پەلەستىنلىك ئەسىرلەرگە قارىتىلغان ناچار مۇئامىلىنى قوللىشى بىلەن تونۇلىدۇ.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بېن-گىۋىرنىڭ مىنىستىرلىق مەزگىلىدە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدە پەلەستىنلىك ئەسىرلەرگە قارىتىلغان سىستېمىلىق قىيناشنىڭ ئاشقانلىقىنى ۋە شارائىتلارنىڭ يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

 

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى