سىياسەت
5 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پارتىيە ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن تاقالدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پارتىيە ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن تاقالدغان بىر پەيتتە، ترامپ ئىشتىن بوشىتىش توغرىسىدا سىگنال بەردى.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پارتىيە ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن تاقالدى
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى پارتىيە ئىختىلاپلىرى تۈپەيلىدىن تاقالدى / Reuters
2025-يىلى10-ئاينىڭ1-كۈنى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 2018-يىلى مەبلەغنى توختىتىشىدىن كېيىن، 2019-يىلى ئۇدا 35 كۈن ھۆكۈمەت تاقىلىپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئاقساراي خامچوت مەسىلىسىدە كېلىشەلمىگەچكە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چارشەنبە كۈنى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى توختاتتى. بۇ ئەھۋال، فېدېراتسىيە ئورگانلىرىدا نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىنىڭ ئىشتىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۇزۇن ۋە جاپالىق بىر چىگىش ئەھۋالنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1981-يىلدىن بۇيان 15-قېتىم يۈز بەرگەن ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش ھادىسىسىنىڭ قانداق ئاخىرلىشىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم بولۇپ، ئورگانلار بۇنىڭ ياخشى كۆزەتىلىدىغان سېنتەبىر ئېيىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتىنىڭ ئېلان قىلىنىشىنى توختىتىدىغانلىقى، ھاۋا قاتنىشىنى ئاستىلىتىدىغانلىقى، ئىلمىي تەتقىقاتلارنى توختىتىپ قويىدىغانلىقى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ مائاشىنى كېسىدىغانلىقى ۋە كۈنىگە 400 مىليون دوللار خىراجەت بىلەن 750 مىڭ فېدېراتسىيە خىزمەتچىسىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنى باشتىن - ئاخىر قايتا تەشكىللەش پائالىيىتى ئارقىلىق دېكابىرغىچە 300 مىڭغا يېقىن خىزمەتچىنى ئىشتىن بوشىتىش يولىغا كىرگەن ترامپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى دېموكراتلارنى ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىشىنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىزمەت ۋە پىروگراممىلارنى كېمەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قايتۇرغىلى بولمايدىغان» ھەرىكەتلەرگە يول ئېچىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئاقسارايدىكى ئوۋال ئىشخانىدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلغان ترامپ: «شۇڭا بىز نۇرغۇن كىشىلەرنى ئىشتىن بوشىتىمىز، بۇ كىشىلەر بۇنىڭدىن ناھايىتى كۆپ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، بۇلار دېموكراتلار بولىدۇ. تاقىلىشتىن نۇرغۇن ياخشى نەرسىلەر چىقىشى مۇمكىن» دېدى ھەمدە بۇ تاقىلىش باسقۇچىدىن «ئۆزلىرى خالىمىغان نۇرغۇن نەرسىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغانلىقىنى ۋە بۇلارنىڭ دېموكراتلارنىڭ نەرسىلىرى بولىدىغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى.

تاقىلىش كېڭەش پالاتاسىنىڭ ھۆكۈمەت پائالىيەتلىرىنى 21-نويابىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان قىسقا مۇددەتلىك چىقىم تەدبىرىنى رەت قىلىشىدىن بىرنەچچە سائەت كېيىن باشلاندى. دېموكراتلار جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مىليونلىغان ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن يىل ئاخىرىدا ئاخىرلىشىدىغان ساغلاملىق ياردەملىرىنىڭ ئۇزارتىلىشىنى رەت قىلىشىغا قارشى چىقتى.

 ھۆكۈمەتنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدىكى مۇنازىرە ئورگان پائالىيەتلىرى ئۈچۈن 1 تىرىليون 700 مىليارد دوللارلىق خامچوتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ سومما ھۆكۈمەتنىڭ 7 تىرىليون دوللارلىق خامچوتىنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىگە تەڭ كېلىدۇ. قالغان خامچوتنىڭ كۆپ قىسمى ساغلاملىق ۋە پېنسىيە پىروگراممىلىرىغا ھەمدە بارغانسېرى ئېشىۋاتقان 37 تىرىليون 500 مىليارد دوللارلىق قەرزنىڭ ئۆسۈم پۇللىرىغا كېتىدۇ.

مۇستەقىل ئانالىزچىلار بۇ تاقىلىشنىڭ ئىلگىرىكى خامچوتقا مۇناسىۋەتلىك تاقىلىشلاردىن ئۇزۇنراق داۋام قىلىشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى. ترامپ بىلەن ئاقساراي دائىرىلىرى دېموكراتلارنى ھۆكۈمەت پىروگراممىلىرى ۋە فېدېراتسىيە مائاش تىزىملىكىدە كېمەيتىش ئارقىلىق جازالاش بىلەن تەھدىت سالماقتا. ترامپنىڭ خامچوت ئىشلىرى دېرىكتورى رۇسسېل ۋوت، «ئىككى پارتىيەگە ئانچە باغلىنىشلىق بولمىغان» تەقسىماتقا چاقىرىق قىلىپ، تاقىلىش ئەھۋالىدا مەڭگۈلۈك ئىشتىن بوشىتىشلارنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشىدىكى كېچىكىشلەردىن ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خەۋپىنىڭ تەسىرىدىن ئەندىشە قىلىشى بىلەن ۋول ستىرىتتىكى پايچېكى بازىرى تۆۋەنلەپ كەتتى، ئالتۇننىڭ باھاسى رېكورت سەۋىيەگە يەتتى، ئاسىيا پايچېكى بازارلىرى داۋالغۇپ كەتتى. دوللار ئاساسلىق رەقىبلىرىگە قارشى بىر ھەپتىلىك ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يېقىن تۇردى.

 ئەڭ ئۇزۇن ھۆكۈمەت تاقىلىپ قېلىش ھادىسىسى ترامپنىڭ تۇنجى مەزگىلىدە يۈز بەردى

 

ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن داۋام قىلغان ھۆكۈمەت تاقىلىشى، ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدىكى تۇنجى مەزگىلىدە، چېگرا بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى ئىختىلاپ سەۋەبىدىن 2018-يىلى 12-ئايدىن 2019-يىلى 1-ئايغىچە ئۇدا 35 كۈن داۋاملاشقان ئىدى. ئامېرىكادا 1981-يىلدىن بۇيان ئۈچ كۈن ياكى ئۇنىڭدىن قىسقا داۋام قىلغان 19 قېتىملىق تاقىلىش ھادىسىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بەزى ئۇزۇن مۇددەتلىك تاقىلىشلار فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئېغىر دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

كېڭەش پالاتاسىدىكى دېموكراتلارنىڭ رەھبىرى چاك شۇمېر، ئاقسارايدا ترامپ ۋە باشقا دۆلەت مەجلىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ھەمدە ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق پىكىردىن ناھايىتى يىراق ئىكەنلىكى كۆرۈلگەن يىغىندىن بىر كۈن كېيىن قىلغان سۆزىدە: «ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغىنى بىزنى بوزەك قىلىش بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ» دېدى.

كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىق ئەزالارنىڭ رەھبىرى جون تۇن، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان قىسقا مۇددەتلىك خامچوت لايىھەسىنى، دېموكراتلارنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردا قوبۇل قىلىشتا قىينالغان، پارتىيەۋىي سىياسەت قوشۇلما ماددىلىرىدىن خالىي، «پارتىيەۋىي بولمىغان» بىر تەدبىر دەپ تەسۋىرلىدى. جەنۇبىي داكوتا ئىشتاتىدىن بولغان جۇمھۇرىيەتچى مۇخبىرلارغا: «ئۆزگەرگەن نەرسە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ ئاقسارايدا بولۇشى، مەسىلە دەل شۇ. بۇ پۈتۈنلەي سىياسەت بولۇپ، تاقىلىشىنى تەقەززا قىلىدىغان ئاساسلىق سەۋەبمۇ يوق» دېدى.

ترامپنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلىرى دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىدىمۇ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، لېكىن قانۇن چىقىرىش قائىدىلىرىگە ئاساسەن 100 كېڭەش پالاتا ئەزاسىدىن 60 ىنىڭ خامچوت لايىھەسى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ بولسا، خامچوت لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى ئۈچۈن كەم دېگەندە يەتتە دېموكراتقا ئېھتىياج بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

 دېموكراتلار ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشكە ئەھمىيەت بەرمەكتە

 

دېموكراتلار ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاخىرقى ئىككى يىلىدا دۆلەت مەجلىسىنىڭ كونتروللۇقىنى بەلگىلەيدىغان 2026-يىلدىكى ئۆتكۈنچى سايلامدىن بۇرۇن، ئۈمىدىنى يوقاتقان قوللىغۇچىلىرىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان غەلىبىگە ئېرىشىش بېسىمى ئاستىدا تۇرماقتا. ساغلاملىق مۇلازىمىتى ھەرىكىتى دېموكراتلارغا سايلىغۇچىلار ئارىسىدا تەسىر قوزغايدىغان بىر تېما ئەتراپىدا بىرلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى. دېموكراتلار ساغلاملىق تولۇقلىمىسىنىڭ كېڭەيتىلىشىنى ئۈمىد قىلىپلا قالماستىن، يەنە قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن تەقدىردە ترامپنىڭ بۇ ئۆزگەرتىشلەرنى بىكار قىلالمايدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنىمۇ تەلەپ قىلماقتا.

 ترامپنىڭ دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەستىقلانغان مىلياردلىغان دوللارنى خەجلەشنى رەت قىلىشى، بەزى دېموكراتلارنىڭ نېمىشقا ھەرقانداق خامچوت لايىھەسىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى روبېرت پاپې، ئوڭ قانات كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چارلى كىرك ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئامېرىكادىكى نورمالسىز قۇتۇپلىشىشتەك سىياسىي كەيپىيات ۋە ھەر ئىككى پارتىيەنىڭ ئاشقۇن قانىتىنىڭ كۈچىيىشىنىڭ، پارتىيە رەھبەرلىرىنىڭ ھۆكۈمەتنى قايتا ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. سىياسىي زوراۋانلىق ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پىروفېسسورى روبېرت پاپې: «سىياسەتنىڭ قائىدىلىرى تۈپتىن ئۆزگىرىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ قەيەردە ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىز بىلمەيمىز» دېدى.

پاپې ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئون مىليونلىغان ئەسەبىي قوللىغۇچىلىرىغا، ئۆز سايلىغۇچىلىرىغا قارشى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ناھايىتى قىيىنغا توختايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت تاقىلىشتىن ئىلگىرى ترامپ ئۆزىنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا، شۇمېرنىڭ دېموكراتلارنى تەنقىد قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنگەن، ئاۋام پالاتاسىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان دېموكراتلارنىڭ بىرى ھاكېم جېففرېسنىڭ يۈزىگە قوپاللىق بىلەن سىزىلغان بىر قاپاق دوپپا ۋە بۇرۇت بىلەن يېنىدا تۇرغان ئۆزگەرتىلگەن سۈرەتلەرنى كۆرسەتكەن بىر «يالغان سىن» بىلەن سۆز قىلدى. مۇخبىرلارغا سۆز قىلغان شۇمېر مۇنداق دېدى:

«بۇ بالىلارچە قىلىپ بولۇپ، نومۇسسىزلىق ئىدى. بۇ 5 ياشلىق بىر بالىنىڭ قىلىدىغان ئىشى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئەمەس. لېكىن بۇ ئۇلارنىڭ قانچىلىك سەمىمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. تاقىلىش قارارى بىلەن سالىدىغان زىياندىن ئۇلارنىڭ پەرۋايى پەلەك.»

ئىزدىنىڭ
ئۇكرائىنا ھۇجۇمىدىن كېيىن يېرىم مىليوندىن ئارتۇق بېلگورودلۇق ئىسسىنىش ۋە توكتىن مەھرۇم قالدى
ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە 22 مۇسۇلمان دۆلەت ئىسرائىلىيەنىڭ سومالىلاند زىيارىتىنى ئەيىبلىدى
ئىران دۆلەت تاراتقۇلىرى: تۈنۈگۈن كېچە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە بار
سۈرىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ھەلەبتە ئۇرۇش توختىتىش ئېلان قىلدى
رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا كىيېۋدا تۆت كىشى ئۆلدى، 10 كىشى يارىلاندى
باش ئەلچى سەدات ئۆنال ئامېرىكالىق سېناتور ئېلىسا سلوتكىن بىلەن كۆرۈشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان: جەنۇبىي ئۆتۈش كېڭىشى رەھبىرى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن يەمەندىن قاچتى
ئىراندا نارازىلىق نامايىشلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 38 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا ئىدارىسىنىڭ بىر ئايالنى ئۆلتۈرۈشىنى «قانۇنىي قوغدىنىش» دېدى
ئىران ئارمىيە قوماندانى ترامپ ۋە نېتانياھۇغا تەھدىت سالدى
لوندوندىكى پەلەستىن ۋاكالەتخانىسىنىڭ دەرىجىسى تولۇق ئەلچىخانا سالاھىيىتىگە ئۆستۈرۈلدى
تۈركىيە «ئەرەبىستانلىق لاۋرېنس» غا ئائىت ئوسمانلى دەۋرى ئىستىخبارات ئارخىپلىرىنى ئاشكارىلىدى
ئىران موسساد جاسۇسى دېگەن جىنايەت بىلەن بىر كىشىنى دارغا ئاستى
ترامپ گىرېنلاندىيەنى قولغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تاللاشلار ئۈستىدە ئۇيلاشماقتا
سۈرىيە SDG تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن ھەلەب ئايرودرومىدا ئۇچۇشلارنى ۋاقىتلىق توختاتتى