ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا يولىدا نېفىت ئاققۇزۇش قايتا باشلاندى
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراكتار 2023-يىلى 6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن تاقالغان تۇرۇبا يولىدا، نېفىت ئاققۇزۇشنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا يولىدا نېفىت ئاققۇزۇش قايتا باشلاندى
ئىراق ئوپېك (OPEC) نىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters

تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراكتارنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق نېفىت ئاققۇزۇش شەنبە (27-سېنتەبىر) كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:07 دە  (0407 GMT)  قايتا باشلانغان.

بايراكتار تۈركىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «ن سوسيال» (NSosyal) دا، بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ 2023-يىلى 6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشتىن تارتىپ تاقالغانلىقىنى، تۈركىيە تۇرۇبا يولى بىلەن نېفىت توشۇش چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى-بوتاش (BOTAŞ) نىڭ شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەشغۇلاتقا تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىراقنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى-ئى ن ئا (INA) نىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتى (KRG) نىڭ نېفىتلىكلىرىدىن نېفىت ئېكسپورت قىلىش قايتا باشلانغان.

ئەربىلدىكى رۇداۋ (Rudaw) تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىشخابۇر (Fishkhabur) نېفىت مەشغۇلات رايونىدا، نېفىت ئېكسپورتىنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە نېفىت شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن.

پەيشەنبە (25-سېنتەبىر) كۈنى، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەل-سۇدانى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نېفىتلىكلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىتنىڭ ئىراق-تۈركىيە تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئۇ ئامېرىكا  ئېكس (X) بېتىدە: «بۈگۈن بىز تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، بۇ بويىچە فېدېراتسىيە نېفىت مىنىستىرلىقى ئىراق كۈردىستان رايونىدىكى نېفىتلىكلەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىتنى سېتىۋېلىپ، ئىراق-تۈركىيە تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىدۇ» دېدى.

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىلگىرى يەرلىك ۋە چەت ئەل شىركەتلىرى بىلەن نېفىت ئېكسپورتىنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى، ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ نېفىت ئاققۇزۇشنى تېزدىن باشلاش قارارىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye aims for stronger energy cooperation with Iraq, hopeful over Kirkuk-Ceyhan pipeline restart

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا