ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا يولىدا نېفىت ئاققۇزۇش قايتا باشلاندى
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراكتار 2023-يىلى 6-فېۋرال تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن كېيىن تاقالغان تۇرۇبا يولىدا، نېفىت ئاققۇزۇشنىڭ قايتا باشلانغانلىقىنى دەلىللىدى.
ئىراق ئوپېك (OPEC) نىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
تۈركىيە ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى ئالپارسلان بايراكتارنىڭ ئېلان قىلىشىچە، ئىراق-تۈركىيە نېفىت تۇرۇبا يولى ئارقىلىق نېفىت ئاققۇزۇش شەنبە (27-سېنتەبىر) كۈنى ئەنقەرە ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:07 دە (0407 GMT) قايتا باشلانغان.
بايراكتار تۈركىيە ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «ن سوسيال» (NSosyal) دا، بۇ تۇرۇبا يولىنىڭ 2023-يىلى 6-فېۋرالدىكى يەر تەۋرەشتىن تارتىپ تاقالغانلىقىنى، تۈركىيە تۇرۇبا يولى بىلەن نېفىت توشۇش چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى-بوتاش (BOTAŞ) نىڭ شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، مەشغۇلاتقا تەييارلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقنىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى-ئى ن ئا (INA) نىڭ شەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۈرت (كورد) رايونلۇق ھۆكۈمىتى (KRG) نىڭ نېفىتلىكلىرىدىن نېفىت ئېكسپورت قىلىش قايتا باشلانغان.
ئەربىلدىكى رۇداۋ (Rudaw) تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، فىشخابۇر (Fishkhabur) نېفىت مەشغۇلات رايونىدا، نېفىت ئېكسپورتىنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى، ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ۋە نېفىت شىركەتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ئاستىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن.
پەيشەنبە (25-سېنتەبىر) كۈنى، ئىراق باش مىنىستىرى مۇھەممەد شىيا ئەل-سۇدانى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نېفىتلىكلەردە ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىتنىڭ ئىراق-تۈركىيە تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئۇ ئامېرىكا ئېكس (X) بېتىدە: «بۈگۈن بىز تارىخىي كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق، بۇ بويىچە فېدېراتسىيە نېفىت مىنىستىرلىقى ئىراق كۈردىستان رايونىدىكى نېفىتلىكلەردىن ئىشلەپچىقىرىلغان خام نېفىتنى سېتىۋېلىپ، ئىراق-تۈركىيە تۇرۇبا يولى ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىدۇ» دېدى.
ئىراقنىڭ شىمالىدىكى رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىلگىرى يەرلىك ۋە چەت ئەل شىركەتلىرى بىلەن نېفىت ئېكسپورتىنى باشلاش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى، ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقىنىڭ نېفىت ئاققۇزۇشنى تېزدىن باشلاش قارارىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.