خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
دونالد ترامپ ئاق ساراي زىياپىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى، گۇماندار بولسا فېدېراتسىيە جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى
ترامپ قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئىران ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىنى «توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى» ئېيتتى / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتنى دونالد ترامپ، شەنبە كۈنى ئاق ساراي مۇخبىرلىرى جەمئىيىتى زىياپىتىدىكى قوراللىق ھۇجۇمنىڭ ئۆزىنى ئىران ئۇرۇشىدىن توسۇپ قالالمايدىغانلىقىنى، ئەمما ۋەقەنىڭ توقۇنۇش بىلەن ئالاقىسى بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ئويلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان بىخەتەرلىك ۋەقەسىدىن كېيىن ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «بۇ مېنى ئىراندىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىن توسۇپ قالالمايدۇ. بىلىدىغانلىرىمىزغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭ ۋەقە بىلەن بىرەر ئالاقىسى بار-يوقلۇقىنى بىلمەيمەن، راستىنى ئېيتقاندا ئۇنداق دەپمۇ ئويلىمايمەن» دېدى.

بىراق ترامپ ئىلگىرى بۇنىڭ ئىران ئۇرۇشى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى مەسىلىسىدە «ھەرگىز بىلگىلى بولمايدۇ» دېگەن ۋە تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ «يالغۇز بۆرە» دەپ تەسۋىرلىگەن ھۇجۇمچىنىڭ مەقسىتىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

شەنبە كۈنى دونالد ترامپ قاتناشقان ۋاشىنگتوندىكى مۇخبىرلار زىياپىتىگە بېسىپ كىرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن قوراللىق ھۇجۇم گۇماندارى، فېدېراتسىيە تەپتىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پايتەختىدە سوتقا چىقىرىلىدۇ.

مەخپىي مۇلازىمەت خادىملىرى بىلەن قوراللىق توقۇنۇشقا كىرگەن، ئەمما ئۆزىگە ئوق تەگمىگەن گۇماندار، دۈشەنبە كۈنى بىر ئامېرىكا رايونلۇق سوتچىسىنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ.

ئامېرىكا تەپتىشى جىناين پرونىڭ بىلدۈرۈشىچە، گۇماندار زوراۋانلىق جىنايىتى جەريانىدا ئوق چىقىرىش، قورال ئىشلىتىش ۋە خەتەرلىك قورال بىلەن فېدېراتسىيە ئەمەلدارىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىدۇ.

ئامېرىكا رەھبىرى شەنبە كۈنى تەخمىنەن ئىككى ئايدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇشتىن كېيىن تېھراننىڭ مۇزاكىرە مەيدانىدىن رازى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ۋەكىللىرىنىڭ ئىران بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش مەقسىتىدە پاكىستانغا قىلىدىغان زىيارىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - President Trump says suspect at White House correspondents' dinner shooting had multiple weapons
ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى