ترامپ مېكسىكا، كانادا ۋە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا مېكسىكا ۋە كانادادىن كىرىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا %25، خىتايدىن كىرىدىغان مەھسۇلاتلارغا بولسا قوشۇمچە %10 باج قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ترامپ مېكسىكا، كانادا ۋە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندا مېكسىكا ۋە كانادادىن كىرىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا %25، خىتايدىن كىرىدىغان مەھسۇلاتلارغا بولسا قوشۇمچە %10 باج قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

دونالد ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى Truth Social دا بايانات ئېلان قىلىپ، چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ۋە دۆلەتكە فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىك ئېكسپورت قىلىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن مېكسىكا، كانادا ۋە خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا باج قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مىڭلارچە كىشىنىڭ مېكسىكا ۋە كانادا ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتۈپ، بۇرۇن پەقەت كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە دۆلەتكە «جىنايەت ۋە زەھەرلىك چېكىملىك» ئەكىرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ترامپ، مېكسىكادىن ئاتلانغان مىڭلارچە كىشىلىك بىر «كارۋاننىڭ» ھازىر «ئوچۇق بولغان» ئامېرىكا چېگراسىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنۇشىنى توسۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ: «1-ئاينىڭ 20-كۈنى تۇنجى پەرمانلىرىمنىڭ بىرى سۈپىتىدە، مېكسىكا ۋە كانادادىن ئامېرىكاغا كىرىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا ۋە قۇرۇق ئوچۇق چېگرالارغا %25 لىك باج قويۇش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ھۆججەتلەرگە ئىمزا قويىمەن. بۇ باج فېنتانىل قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەر ۋە بارلىق قانۇنسىز چەت ئەللىكلەرنىڭ دۆلىتىمىزنى ئىستېلا قىلىشى توختىغانغا قەدەر كۈچكە ئىگە بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مېكسىكا ۋە كانادانىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان مەسىلىنى ئاسانلا ھەل قىلىش ئۈچۈن مۇتلەق ھوقۇق ۋە كۈچكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «بىز ئۇلاردىن بۇ كۈچنى قوللىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز ۋە بۇنى قىلغانغا قەدەر ناھايىتى زور بەدەل تۆلەشنىڭ ۋاقتى كەلدى» دېدى.

ترامپ خىتاي بىلەنمۇ فېنتانىل قاتارلىق ئامېرىكاغا ئەۋەتىلگەن كۆپ مىقداردىكى زەھەرلىك چېكىملىك ھەققىدە نۇرغۇن سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ: «خىتاي ۋەكىللىرى ماڭا بۇنى قىلىش جەريانىدا تۇتۇلغان زەھەرلىك چېكىملىك ساتقۇچىلارغا ئەڭ يۇقىرى جازا، يەنى ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەپسۇسكى قەتئىي ئۇنداق قىلمىدى ۋە زەھەرلىك چېكىملىكلەر كۆپىنچە مېكسىكا ئارقىلىق، بۇرۇن پەقەت كۆرۈلۈپ باقمىغان سەۋىيەدە دۆلىتىمىزگە ئېقىۋاتىدۇ. بۇنى توسقانغا قەدەر، خىتايدىن ئامېرىكاغا كىرىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلارغا، قوشۇمچە باجلارنىڭ ئۈستىگە يەنە %10 قوشۇمچە باج قويىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»