خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مىسىر ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى 2026-يىللىق يول خەرىتىسى
مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلئاتى ئىسلامئاباتتا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسىنىڭ پاكىستانلىق مەنسەپدىشى ئىسھاق دارغا يازغان بىر مەكتۇپىنى يەتكۈزدى.
مىسىر ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى 2026-يىللىق يول خەرىتىسى
مىسىر ۋە پاكىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەقسىتىدىكى 2026-يىللىق يول خەرىتىسى

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەدىر ئابدۇلئاتى يەكشەنبە كۈنى قاھىرەنىڭ پاكىستان بىلەن بولغان ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە، 2026-يىلى ئۈچۈن ئورتاق بىر يول خەرىتىسى تەييارلاشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مىسىر تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، ئابدۇلئاتىنىڭ رەسمىي زىيارىتى جەريانىدا مىسىر پىرېزىدېنتى ئابدۇلفەتتاھ ئەس-سىسىنىڭ يازما مەكتۇپىنى پاكىستانلىق مەنسەپدىشى ئىسھاق دارغا يەتكۈزگەنلىكى ۋە مەكتۇپنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مەركەزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئابدۇلئاتى يەنە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ غەززەگە ئالاقىدار 2803-نومۇرلۇق قارارىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ۋە ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەييارلىغان ھەمدە 10-ئۆكتەبىردە پەلەستىن رايونىدا كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش پىلانىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچىغا ئۆتۈشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

مىسىرلىق مىنىستىر، قاراردا كۆرسىتىلگىنىدەك ئۇرۇش توختىتىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق بىر مۇقىملىق ساقلاش قىسمىنىڭ تولۇق ئىقتىدارى بىلەن ۋەزىپە ئۆتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلئاتى نويابىردا ئۆتكۈزۈلۈشى مۆلچەرلەنگەن، ئەمما تېخىچە ئەمەلگە ئاشمىغان غەززە ئۈچۈن دەسلەپكى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات تېمىلىق بىر خەلقئارالىق يىغىننىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.

تۈركىيە، مىسىر ۋە قاتارنىڭ مۇرەسسەچىلىكى ھەمدە ئامېرىكانىڭ قوللىشى بىلەن ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، ئىسرائىلىيەنىڭ 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ۋە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 70 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە، 170 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەب بولغان ھۇجۇملىرىنى توختاتتى.

ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى، پەلەستىنلىك تۇتقۇنلار بەدىلىگە ئىسرائىلىيەلىك گۆرۈگە ئېلىنغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىلان يەنە غەززەنىڭ قايتا قۇرۇلۇشىنى ۋە ھاماس ئورۇن ئالمىغان يېڭى بىر باشقۇرۇش مېخانىزمىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump set to join leaders, diplomats from Türkiye, Pakistan, other nations at Gaza summit in Egypt

 

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز