تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان بلىنكېننى قوبۇل قىلدى
دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن كۆرۈشتى.
ئەردوغان بلىنكېننى قوبۇل قىلدى
ئەردوغان بلىنكېننى قوبۇل قىلدى / TRT Uyghur

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈنۈگۈن كەچتە پايتەخت ئەنقەرەگە كەلگەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن بىلەن ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا بىر يەرگە جەم بولدى.

كۆرۈشۈشتە، تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى، سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەر، دۇنياۋى ۋە رايونلۇق مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

كۆرۈشۈشتە يەنە، ئەردوغان تۈركىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەر ساھەدە راۋاجلاندۇرۇلۇشى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقىنىڭ يېڭى باسقۇچتىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ باشتىن تارتىپلا سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى، بىرلىكى ۋە ھوقۇقتا باراۋەرلىكىنى قوغداش پىرىنسىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەدىكى دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى ۋە قايتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان سۈرىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ۋە تۈركىيە ئۈچۈن تەھدىت مەنبەسى بولۇۋاتقان پ ك ك/پ ي د/ي پ گ بىلەن دائېش قاتارلىق بارلىق تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قارشى، تۈركىيەنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مىللىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى قوللىنىدىغانلىقىنى، دائېشقا قارشى كەسكىن كۈرەش قىلىۋاتقان بىردىنبىر ناتو دۆلىتى بولۇش سۈپىتىدە، پ ك ك ۋە ئۇنىڭ گۇماشتىلىرىنىڭ قالايمىقانچىلىقنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى، دائېشقا قارشى كۈرەشتە قانداقتۇر بىرەر يوچۇقنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا ھەرگىز يول قويمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئەردوغان بىلەن بلىنكېننىڭ ئۇچرىشىشى ھەققىدە ئېلان قىلغان  باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

 «تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا ۋە تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك رايونلۇق ھەمكارلىقى، سۈرىيەلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋە سۈرىيەلىكلەرگە تەۋە جاۋابكارلىققا تارتقىلى بولىدىغان ھەم سىياسىي جەھەتتىن ھەممىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇش باسقۇچىنى قوللاش جەھەتتىكى ئورتاق مەنپەئەتلىرىمىز ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

كۆرۈشۈشتە سۈرىيەدىكى بارلىق تەرەپلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى، خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنىغا رىئايە قىلىشى ۋە پۇقرالار بىلەن ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكى مۇھاكىمە قىلىندى.

بلىنكېن كۆرۈشۈشتە، سۈرىيەدە يۇرت - ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلارنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەر بىلەن تەمىنلەش ۋە دائېشقا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئانتونى بلىنكېن يەنە، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ جىددىي تاماملىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.»

ئەسەنبوغا ئايرودۇرۇمىدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا يېپىق ھالەتتە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان كۆرۈشۈشكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدانمۇ قاتناشتى.

فىدان بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېن بىلەن ئايرىم ۋە ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

ئىككى مىنىستىر سۈرىيەدىكى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

خاقان فىدان سۈرىيەدە دەرھال مۇقىملىق ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

 «بىزنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپىمىز، سۈرىيەدە تېررورىزمغا يوچۇق قالدۇرماسلىق ۋە دائېش ۋە پ ك ك نىڭ ئۇ يەردە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بلىنكېننىڭ تۈركىيە زىيارىتىدە، يەكشەنبە كۈنى (2024-يىلى 8-دېكابىر) بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىنكى سۈرىيەدىكى ئۆتكۈنچى ھاكىمىيەت تەشكىل قىلىش خىزمەتلىرى ۋە غەززەدە ھاسىل قىلىنغۇسى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى