ئەردوغان: «ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەرسالىق ۋە قىيىشىپ مېڭىۋاتقان يولى، يول ئەمەس»
جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تەييىپ ئەردوغان: « ئوچۇق ئېيتىپ قويايكى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەرسالىق ۋە قىيىشىپ مېڭىۋاتقان يولى، يول ئەمەس» دېدى.
ئەردوغان جۇمھۇر رەئىسلىك كۈللىيەسىدە چاقىرىلغان 15- نۆۋەتلىك باش ئەلچىلەر يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
ئەردوغان غەززەدە ۋە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى پەلەستىن زېمىنىدا 14 ئايدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان شۇنداقلا %70 ى كىچىك بالا ھەمدە ئاياللار بولۇپ، 50 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلىيە قىرغىنچىلىقىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇت ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، ھەر كۈنى يېڭى ھۇجۇملارنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەردوغان: «تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈپ، گۇناھسىز پۇقرالارنىڭ ئۈستىگە تېخىمۇ كۆپ بومبا ياغدۇرۇپ، بىخەتەرلىككە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ئوچۇق ئېيتىپ قويايكى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەرسالىق ۋە قىيىشىپ مېڭىۋاتقان يولى، يول ئەمەس. بۇ ئەھۋال غەززە ۋە پەلەستىن ئۈچۈنلا ئەمەس، سۈرىيە ئۈچۈنمۇ شۇنداق» دېدى.