پارىژ ئايتماتوفنى خاتىرىلەش يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلدى

ب د ت بىلىم، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى-يۇنېسكو (UNESCO) نىڭ پارىژدا ئېچىلغان چىڭگىز ئايتماتوفنى خاتىرىلەش يىغىنىدا، ئايتماتوفنىڭ مەدەنىيەت ئەسلىمىسى ۋە كىشىنىڭ ئىززەت-ھۆرمەت توغرىسىدىكى پىكىرلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى، قىممەتلىك مىراسلىرى خاتىرىلەندى.

پارىژدا يۇنېسكونىڭ «چىڭگىز ئايتماتوف ۋە يۇنېسكو: دۇنيانى بىرلەشتۈرگەن ئورتاق مىراس» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. / AA

يۇنېسكونىڭ پارىژدىكى مەركىزىدە قىرغىزىستانلىق يازغۇچى، ژۇرنالىست، دىپلومات ۋە دۆلەت ئەربابى چىڭگىز ئايتماتوفنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.

قىرغىزىستاننىڭ يۇنېسكودىكى دائىمىي ئورگىنى بىلەن خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى-تۈركسوي (TURKSOY) ھەمكارلىشىپ تەشكىللىگەن «چىڭگىز ئايتماتوف ۋەيۇنېسكو: دۇنيانى بىرلەشتۈرگەن ئورتاق مىراس» ناملىق بۇ يىغىندا، ئايتماتوفنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلدى. يىغىنغا، دىپلوماتلار، مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە باشقا مېھمانلار قاتناشتى.

قىرغىزىستاننىڭ يۇنېسكودىكى ۋەكىلى سادىق شېرنىياز، بۇ فىلىمنىڭ ئايتماتوفنىڭ مەڭگۈلۈك مىراسلىرىنى كۆرگەزمە قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا، ئايتماتوفنىڭ دۇنياۋى مىراسلىرى ۋە مەدەنىيەت ئەسلىمىسى ھەمدە كىشىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى توغرىسىدىكى پىكىرلىرى گەۋدىلەندۈرۈلدى. تۈركىيەنىڭ يۇنېسكودىكى ۋەكىلى ئۇنى «20-ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك شەخسلەرنىڭ بىرى» دەپ ئاتىدى.

قىرغىزىستاننىڭ يۇنېسكودىكى ۋەكىلى سادىق شېرنىياز: «بۇ فىلىم ماڭا ئۆيۈمگە قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلدۇردى. ئايتماتوف ھەمىشە كىشىلەر، ئىشچىلار ۋە ئانىلار ھەققىدە سۆزلەيتتى. بىز ئۇنىڭ بىزگە قالدۇرغانلىرى بىلەن پەخىرلىنىمىز. ئۇنىڭ پىكىرلىرىنىڭ بۇ مۇرەككەپ دەۋردە، يەنىلا پۈتۈن ئىنسانىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

ئۇ ئايتماتوفنىڭ قىرغىزىستان مەدەنىيەت ئەربابلىرى تىزىملىكىنىڭ ئەڭ بېشىدا تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە تۈركىيەنىڭ يۇنېسكودىكى ۋەكىلى گۈلنۇر ئايبەتكە بۇ يىغىنغا قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى.

20-ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك شەخسلەرنىڭ بىرى

تۈركىيەنىڭ يۇنېسكودىكى ۋەكىلى گۈلنۇر  ئايبەت ئايتماتوفنى «20-ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك شەخسلەرنىڭ بىرى» دەپ ئاتىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئايتماتوف قىرغىز ئەدەبىياتىدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى رومان يازغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپلا قالماي، يەنە تۈرك دۇنياسى ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى مۇھىم شەخسلەرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى 170 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ، خەلقئارادا كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە يېتىپ باردى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدە تىنچلىق ۋە ھەمكارلىق تېمىلىرى بايان قىلىنىدۇ.»

ئۇ ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىرىدە، ئىنسانلار، تەبىئەت ۋە جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ پەلسەپەۋى نۇقتىدا ئانالىز قىلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇنىڭ كوللېكتىپ ئەسلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن ئوزۇقلانغان قەلىمى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەسىلىلىرىگە ئومۇمىيۈزلۈك جاۋابلارنى ئىزدەيدىغان ۋىجداندەك سۆزلەيدۇ» دېدى.

ئەزەربەيجاننىڭ يۇنېسكودىكى ۋەكىلى ئەلمان ئابدۇللايېف، ئايتماتوفنى «پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئىپتىخارى» دەپ ئاتىدى. تۈركسوينىڭ باش كاتىپى سۇلتان رايېف ئۇنى «مىللەتلەر ئارىسىدا كۆۋرۈك سالغان ئىنسانپەرۋەر» دەپ ماختىدى ۋە: «ئايتماتوفنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيانى دۇنياغا ئاچتى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى مۇنداق ئاخىرلاشتۇردى:

«ئۇنىڭ رومانلىرى كىشىنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتى، تەبىئەت ۋە تىنچلىقنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ <مانقۇرت> ئۇقۇمى يىلتىزىدىن ۋە ئۆتمۈشىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ پاجىئەسىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ – بۇ ئۇقۇم رومان ئېلېمىنتىلا ئەمەس، بەلكى ئۆتمۈشى بىلەن بولغان باغلىنىشىنى يوقاتقان جەمئىيەتلەرنىڭ كېلەچېكى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.»