فاتىھ بىرول: ھورمۇز بوغۇزى كىرىزىسى يەر شارى ئىقتىسادى ئۈچۈن «زور تەھدىت» شەكىللەندۈرمەكتە
فاتىھ بىرول دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختىدىكى دۆلەتلىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى 1970-يىللاردىكى كىرىزىسلار ۋە رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن سېلىشتۇردى.
خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسى ئىجرائىيە مۇدىرى فاتىھ بىرول ئىرانغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنېرگىيە كىرىزىسى سەۋەبىدىن يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ «زور تەھدىت» ئاستىدا قالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە كىرىزىس مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملاشسا، ئاساسەن دېگۈدەك بىرمۇ دۆلەتنىڭ ئۇنىڭ تەسىرىدىن مۇستەسنا قالالمايدىغانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى.
فاتىھ بىرول دۈشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيەنىڭ پايتەختىدىكى دۆلەتلىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا سۆز قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى 1970-يىللاردىكى كىرىزىسلار ۋە رۇسىيەنىڭ 2022-يىلى ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇشىنىڭ تەسىرى بىلەن سېلىشتۇردى. ئۇ نۆۋەتتىكى ئەھۋال نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، بۇ كىرىزىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق نېفىت كىرىزىسى بىلەن بىر قېتىملىق گاز كىرىزىسىنىڭ بىرىكمىسى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «يەر شارى ئىقتىسادى بۈگۈن ئىنتايىن زور تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە، مەن بۇ مەسىلىنىڭ مۇمكىن قەدەر تېز پۇرسەتتە ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.
فاتىھ بىرول يەنە يەر شارى خاراكتېرلىك تىرىشچانلىقلارغا ئېھتىياج بارلىقىنى تەكىتلەپ: «بۇ كىرىزىس مۇشۇ يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەشنى داۋاملاشتۇرسا، ھېچقانداق دۆلەت ئۇنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ قالالمايدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
ئۇرۇش تۆتىنچى ھەپتىسىگە قەدەم قويغان بىر پەيتتە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئىرانلىق ئەمەلدارلار ئۆزئارا تەھدىت سالدى. پىرېزىدېنت ترامپ دۇنيا نېفىت ۋە گاز توشۇش مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 20 پىرسەنتى ئۆتىدىغان، نۆۋەتتە تاقاق ھالەتتە تۇرۇۋاتقان ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتا ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ تار ئۆتكەلدىكى توسۇلۇش نېفىت توشۇش لىنىيەسىنى ئاساسىي جەھەتتىن توختىتىپ قويۇپ، نېفىت باھاسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
تېخىمۇ كۆپ نېفىت زاپىسى بازارغا سېلىنىشى مۇمكىن
فاتىھ بىرول ئىران ئۇرۇشى سەۋەبىدىن زۆرۈر تېپىلسا تېخىمۇ كۆپ نېفىت زاپىسىنى بازارغا سېلىش مەسىلىسىدە خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپادىكى ھۆكۈمەتلەر بىلەن كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ: «ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، ئەلۋەتتە بۇنى قىلىمىز. بازارلارنى تەھلىل قىلىپ، ئەزا دۆلەتلىرىمىز بىلەن كۆرۈشىمىز» دېدى. خەلقئارا ئېنېرگىيە ئىدارىسىگە ئەزا دۆلەتلەر 11-مارتتا يەر شارى خام نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىنى توختىتىش ئۈچۈن، ئىستراتېگىيەلىك زاپاسلاردىن رېكورت سەۋىيەدە، يەنى 400 مىليون ۋارىل نېفىتنى بازارغا سېلىش مەسىلىسىدە كېلىشكەن ئىدى.