سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
بومبا تىجارىتى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىدىن قانداق پايدا ئېلىۋاتىدۇ؟
ۋاشىنگتون 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن باشلاپ تېل ئاۋىۋغا 23 مىليارد دوللار ياردەم قىلدى. ھەيران قالارلىقى شۇكى، بۇ ياردەملەرنىڭ 80 پىرسەنتى ئامېرىكا قورال ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىغا قايتىپ كەلدى.
00:00
بومبا تىجارىتى: ئامېرىكا ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشىدىن قانداق پايدا ئېلىۋاتىدۇ؟
ADDITION Philippines US Missile System / AP
2025-يىلى2-ئاينىڭ18-كۈنى

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە ئاچقان ئۇرۇشى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا نىسبەتەن ئابىھاياتلىق رولىنى ئوينىدى. تېل-ئاۋىۋغا بېرىلگەن رېكورت سەۋىيەدىكى ھەربىي ياردەملەرنىڭ 80 پىرسەنتى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە قايتىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكانىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيانقى ئىسرائىلىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلىرىگە قىلغان خىراجىتى تەخمىنەن 23 مىليارد دوللارغا يەتتى. بۇ ۋاشىنگتوننىڭ 1959-يىلى ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەم قىلىشنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى مىقدار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بىراۋن ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ۋاتسون ئىنستىتۇتىنىڭ «ئۇرۇش چىقىملىرى تۈرى» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان تەتقىقات دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ھەربىي ياردەملەر ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پۇلنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن قورال سېتىۋېلىشقا ئىشلىتىشىنى شەرت قىلىدىكەن.

بۇ شەرت ئامېرىكادىكى قورال شىركەتلىرىنى «سىجىل كىرىم ئېقىمى» بىلەن تەمىنلەش بىلەن بىرگە، كىچىك ۋە ئوتتۇرا چوڭلۇقتىكى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ «مەڭگۈلۈك ئىشلەپچىقىرىش» شارائىتىغا ئىگە بولۇش پۇرسىتى يارىتىپ بەرمەكتە.

تەتقىقاتنى بىرلىكتە يازغان خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى پىروفېسسورى لىندا ج. بىلمېس بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ھەربىي ياردەم پىروگراممىسى قوراللارنىڭ كۆپ قىسمىنى ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن سېتىۋېلىشنى شەرت قىلىدۇ. بۇ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بىر قائىدە بولۇپ، ئامېرىكا بۇ خىلدىكى ياردەملەرنى ياقلىغاندا بۇنى ئوچۇق-ئاشكارا تىلغا ئالىدۇ» دەيدۇ.

 ئامېرىكانىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتلىرى ۋە قورال سودىسى

 ئىسرائىلىيە ئامېرىكا شىركەتلىرىدىن «ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى تەكشۈرۈش» بىلەن بىۋاسىتە قورال سېتىۋېلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى. بىلمېس، بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارىتىلغان تاشقى ياردەم چىقىملىرىنى ئامېرىكا ئىقتىسادىغا خىزمەت پۇرسەتلىرى يارىتىش ئۈچۈن «ئوچۇق-ئاشكارا ياقلىغانلىقى»نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا قورال ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى ئازىيىپ كەتكەن قورال ۋە ئوق-دورا زاپاسلىرىنى «قايتا تولدۇرۇش» ئۈچۈن ئىشچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرماقتا. ئاقساراي 2025-يىللىق خامچۇت پىلانىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ جىددىي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئېھتىياجلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 92 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە ياردەم خامچوت تەلىپىنى «ئامېرىكانىڭ ھەر قايسى ئىشىتاتلىرىدا خىزمەت پۇرسەتلىرى يارىتىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش» باھانىسى بىلەن ئاقلىدى.

بۇ ئەھۋال سىياسىي جەھەتتىنمۇ مۇھىم. دېموكراتلار بۇ يىلقى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى دونالد ترامپقا قارشى قىيىن رىقابەت جەريانىنى باشتىن كەچۈردى. ترامپ ئۆز سايلام تەشۋىقاتىنىڭ مەركىزىگە «بايدىن ھۆكۈمىتى ئاستىدا مەغلۇپ بولغان ئامېرىكا ئىقتىسادى» ۋە مۇھاجىرلار سىياسەتلىرىنى قويدى.

 قورال ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ رولى

 بىلمېسنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنى قورال ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئالتە چوڭ شىركەت بار بولۇپ، ئۇلار بوئىڭ، جېنېرال دىنامىكس، لوكخىد مارتېن، نورسروپ گرۇممان، ر ت ئېكس (بۇرۇنقى نامى رايسىئون) ۋە كاتېرپىللار. بۇ شىركەتلەر ئىسرائىلىيە بىلەن «ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا مۇناسىۋىتى»نى ساقلاپ كەلگەن بولۇپ، ئىسرائىلىيە ئۇلار ئۈچۈن «مۇھىم خېرىدار» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ر ت خ (بۇرۇنقى نامى رايسىئون): ر ت ئېكس دۇنيادىكى قويۇپ بېرىش سۇپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى. شىركەت ئىسرائىلىيەگە F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۈچۈن ھاۋادىن يەرگە ئېتىلىدىغان بومبىلار ۋە F-15 ۋە F-16 ئايروپىلانلىرىنىڭ ماتورلىرىنى ساتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسرائىلىيەلىك بىر قورال شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، رافائېل دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ تۈر قىسقا مۇساپىلىك راكېتلارنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان تۆمۈر گۈمبەز ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ توسقۇچلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

ر ت ئېكسنىڭ بازار قىممىتى 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان تەخمىنەن 84 پىرسەنت ئۆستى.

لوكخىد مارتېن: دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ قورال ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان لوكخىد مارتېن، ئىسرائىلىيەنى F-16 ۋە F-35 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىسرائىلىيە بۇ ئايروپىلانلارنى غەززەنى بومباردىمان قىلىش ئۈچۈن «كەڭ كۆلەمدە» ئىشلىتىدۇ. شىركەت يەنە ئىسرائىلىيەنى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىدە ئىشلىتىدىغان C-130 خېركۇلېس يۈك توشۇغيچە ئايروپىلانلىرى ۋە ئاپاچى تىكئۇچارلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان AGM-114 خېلفايە بومبىلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

شىركەتنىڭ باش ئىجرائىيە دىرېكتورى جىم تايكلېت 2023-يىلى ئۆكتەبىردە مەبلەغ سالغۇچىلار بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشىنىڭ «كەلگۈسىدىكى كىرىم ئېشىشىنىڭ يوشۇرۇن ئامىلى» ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

بوئىڭ: دۇنيانىڭ تۆتىنچى چوڭ قورال ئىشلەپچىقارغۇچىسى بولغان بوئىڭ، ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيەسى غەززە ۋە لىۋاندىكى ئۇرۇشلاردا كەڭ كۆلەمدە ئىشلەتكەن F-15 ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە ئاپاچى AH-64 ھۇجۇمچى تىكئۇچارلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. شىركەت ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىش باسقۇچىغا كىردى.

باشقا پايدا ئالغۇچىلار: جېنېرال دىنامىكس، نورسروپ گرۇممان ۋە كاتېرپىللارغا ئوخشاش شىركەتلەرمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىغا زور تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ كاتېرپىللار ئىسرائىلىيە غەززەدىكى ئۆي چېقىشلىرىدا ئىشلەتكەن بۇلدوزېرلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. كاتېرپىللارنىڭ بازار قىممىتى ئىسرائىلىيە غەززەدە ئۆيلەرنى چېقىشنى باشلىغىنىدىن بۇيان 52 پىرسەنتتىن ئارتۇق ئۆستى.

 

ئىزدىنىڭ
خىتاي 156 مىليون دوللار پارا ئالغان سابىق بانكا ئەمەلدارىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىندى
تۈركىيە ئامېرىكادىن قايتۇرۇلغان ئانادولۇ ئاسارە-ئەتىقىلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى
لىۋىيە گىرېتسىيەنىڭ «تۈركىيە بىلەن تۈزۈلگەن دېڭىز كېلىشىمىنى بىكار قىلىش» چاقىرىقىنى ئەيىبلىدى
ياۋروپا ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىدى
تۈرك دۇنياسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولىدۇ
پىرېزىدىنت: سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن بېنىندا ۋەزىيەت «پۈتۈنلەي كونترول ئاستىدا»
ۋېنېزۇئېلادا ئامېرىكا بىلەن جىددىيچىلىك كۈچىيىۋاتقان بىر مۇھىتتا، 5600 يېڭى ئەسكەر قەسەم ياد قىلدى
ئەنگلىيە بىلەن قاتار روھىڭيالىق مۇساپىرلار ئۈچۈن 11.2 مىليون دوللار ياردەم ئېلان قىلدى
سائۋ پاۋلۇ كىتابخانىسىدىكى بۇلاڭچىلىقتا 13 ئەسەر ئارىسىدا 8 ماتىس ئوقۇبى ئوغرىلاندى
سۈرىيە دۆلەت رەئىسى شارا «كۈچلۈك بىر سۈرىيە» قۇرۇپ چىقىشقا ۋەدە بەردى
خىتاينىڭ تاشقى سودا قالدۇقى 1 تىرىليون دوللاردىن ئاشتى
تۈركىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلاندى
تۈركىيە ئەسەد ئاغدۇرۇلغانلىقىنىڭ بىرىنچى خاتىرە يىلىدا سۈرىيەنىڭ «ھۈررىيەت كۈنى»نى تەبرىكلىدى
نېتانياھۇ: ئىسرائىلىيە ئىشغال قىلغان سۈرىيە تۇپراقلىرىدىن چېكىنمەيدۇ
خاقان فىدان: «تۈركىيە غەززەدە تىنچلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللاش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار