سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىسرائىلىيە لوبىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تەسىرى ئاجىزلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بىر مۇھاپىزىكار ئاخبارات ئورگىنىغا بەرگەن باياناتىدا، جامائەت پىكرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاشىنگتوندىكى كۈچلۈك تەسىرىنى يوقىتىپ قويغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: ئىسرائىلىيە لوبىسىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى تەسىرى ئاجىزلىدى
/ Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاشىنگتوندىكى ئىسرائىلىيە لوبىسىنىڭ دۆلەت مەجلىسىدىكى تەسىرىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزى تەۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ئىچىدىمۇ كۆز قاراش جەھەتتە ئەۋلادلار ئارا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ترامپ جۈمە كۈنى «دەيلى كوللېر» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، بۇ سۆھبەت دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. ئۇ سۆھبەتتە دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسرائىلىيەگە بولغان قوللاشنىڭ يىگىرمە يىل ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا «تارىختا قالغان بىر ئىش»قا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ترامپ: «شۇنى ئېنىق ئېيتالايمەنكى، ئىسرائىلىيە مەن دۆلەت مەجلىسىدە كۆرگەن ئەڭ كۈچلۈك لوبى ئىدى. ئۇ ھەر قانداق شەخس، شىركەت، ئورگان ياكى ئىشتاتنىڭ لوبىسىدىنمۇ قۇدرەتلىك ئىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلارنىڭ ئۇنداق كۈچلۈك لوبىسى قالمىدى. بۇ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسىز بىر ئىش» دېدى.

ترامپ ئۆتمۈشتە ئىسرائىلىيە ھەققىدە تەنقىدىي سۆز قىلىشنىڭ سىياسىي ھاياتنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغانلىقىنى، لېكىن دېموكراتلار پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى ئالېكساندىرىيە ئوكاسيو-كورتېز ۋە ئۇنىڭ ئىلغار ئىتتىپاقداشلىرىدەك سىياسىيونلارنىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى. ئۇ يەنە: «ئىسرائىلىيە مەن كۆرگەن ئەڭ قۇدرەتلىك لوبى ئىدى. ئۇلار دۆلەت مەجلىسىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلاتتى، ئەمما ھازىر ئۇنداق ئەمەس. بۇنى كۆرۈپ سەل ھەيران قالدىم» دېدى.

بۇ بايانلار پيۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مارت ئېيىدىكى راي سىناش نەتىجىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. راي سىناشتا ئامېرىكالىق قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ 53 پىرسەنتىنىڭ ئىسرائىلىيەگە سەلبىي پوزىتسىيەدە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. بۇ نىسبەت 2022-يىلى 42 پىرسەنت ئىدى. 50 ياشتىن تۆۋەن جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكىلەر ئارىسىدا سەلبىي كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ نىسبىتىمۇ ئوخشاش مەزگىلدە 35 پىرسەنتتىن 50 پىرسەنتكە يەتكەن.

«جامائەت پىكرى جېڭى»دە ئۇتتۇرۇش

ترامپ ئۆزىنىڭ پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدە ئىرانغا قارشى ھۇجۇمغا رۇخسەت قىلىش ۋە قۇددۇسنى ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى دەپ ئېتىراپ قىلىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ كۈچلۈك ھىمايىچىسى بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. لېكىن ئۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ۋەيرانچىلىق سەۋەبىدىن خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر زىيان يەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا «جامائەت پىكرى جېڭى»دە مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

ئۇ: «7-ئۆكتەبىردىكى تۇيۇقسىز ھۇجۇمنىڭ ئەسلا يۈز بەرمىگەنلىكىنى دەۋا قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بار. ئۇلار بەلكىم ھەربىي جەھەتتە غەلىبە قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما جامائەت پىكرى جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ. بۇ ئەھۋال ئۇلارغا زىيان ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى.

بۇ بايانلار ترامپنىڭ ئەتراپىدىكى داڭلىق ئوڭچىل سىياسىيونلار ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن ئىسرائىلىيەنى قوللاش مەيدانىدىن يېنىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى. جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن پارلامېنت ئەزاسى مارجورى تەيلور گىرېن ئىسرائىلىيەنى غەززەدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزگەنلىك بىلەن ئەيىبلىگەن بولسا، ترامپنىڭ سابىق ئىستراتېگىيە مەسلىھەتچىسى ستېۋ بانون ئىسرائىلىيەنىڭ «ھەقىقىي ئىتتىپاقداش» ئەمەسلىكىنى، باش مىنىستىر بېنيامىن نېتانياھۇ گۇرۇھىنىڭ ئىشەنچكە لايىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

توماس ماسسى قاتارلىق باشقا داڭلىق جۇمھۇرىيەتچى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ ئوخشاش مەيداننى ئىپادىلىدى. بۇنىڭدىن سىرت، كانداس ئوۋېنس، نىك فۇئېنتېس، تاكېر كارلسون قاتارلىق سىياسىي ئوبزورچىلارمۇ بۇ قاتارغا قوشۇلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن «ناھايىتى ئۈنۈملۈك» كۆرۈشۈش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ياۋروپادىكى مائارىپ كىرىزىسى: PISA نەتىجىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى
جەنۇبىي ئافرىقادا ئۆتكەن 5 ھەپتە ئىچىدە 13 كىشى «M چېچىكى» ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملاندى
گۇگۇلنىڭ سۈنئىي ئەقىل مودېلى Gemini بىخەتەرلىك سىنىقى جەريانىدا شىركەت سىستېمىلىرىغا سىزىپ كىردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
پاكىستاندىكى بىر ساقچىخانىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
فىلىپپىندا بىر مەكتەپتە يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئالتە ئوقۇغۇچى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئىسكاندىناۋىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئىسرائىلىيەگە ئۇچۇشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش پىلانىنى بىكار قىلدى
پاكىستاندا بىر جامە ئەتراپىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
قەھۋە پۇرىقىنىڭ كەيپىيات ۋە مېڭە دولقۇنلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى