سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە سوت مەھكىمىسى باش مىنىستىرنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى رەت قىلدى
سىياسىي ئىختىلاپلارغا قارىماي، پارتىيەلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرغۇچى سۈپىتىدە قارىلىۋاتقان خان دۇك-سۇنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى نۆۋەتتە داۋاملىشىۋاتقان سىياسىي كىرىزىستا مۇھىم بۇرۇلۇش پەيدا قىلدى.
00:00
جەنۇبىي كورېيە سوت مەھكىمىسى باش مىنىستىرنى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى رەت قىلدى
جەنۇبىي كورېيەنىڭ مۇۋەققەت پىرېزىدېنتى خان دۇك-سو سېئولدىكى ھۆكۈمەت بىناسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا / Reuters

جەنۇبىي كورېيە ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى دۈشەنبە كۈنى باش مىنىستىر خان دۇك-سونى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاشنى بىكار قىلىپ، ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ھۆكۈم چىقاردى. بۇ قارار ئۇنىڭ بۇندىن ئىككى ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى مۇۋەققەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىشىدىن كېيىن پەيدا بولغان سىياسىي قالايمىقانچىلىقتا يېڭى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.

خان پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئولنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغان مۇۋەققەت رەھبەر بولۇپ، سابىق پىرېزىدېنت يۇن ئۆتكەن يىلى قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغانىدى.

باش مىنىستىر خان ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى پارلامېنتنىڭ تەكلىپىگە قارشى چىقىپ،  ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە يەنە ئۈچ سوتچىنى تەيىنلەشنى رەت قىلغان بولغاچقا، مۇۋەققەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئىككى ھەپتىدىنمۇ ئازراق ۋاقىت ئۆتىيەلىگەنىدى.

سوت مەھكىمىسىدىكى سوتچىلار يەتتىگە قارشى بىر ئاۋاز بىلەن خاننى ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى بىكار قىلىشقا ھۆكۈم قىلدى.

75  ياشلىق خان كونسېرۋاتىپ ۋە لىبېرال ھەر ئىككى يۆنىلىشتىكى بەش پىرېزىدېنت دەۋرى بويىچە ئوتتۇز يىلدىن ئارتۇق ھەر خىل مەنسەپلەرنى تۇتۇپ خىزمەت قىلغان.

خان سىياسىي بۆلۈنۈشلەر ئېغىرلىشىپ كەتكەن جەنۇبىي كورېيەدە  پارتىيە ھالقىغان ئاز ئۇچرايدىغان تەجرىبىلىك ئەمەلدارلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

شۇنداقتىمۇ، ئۆكتىچى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى پارلامېنت ئۇنى يۇننىڭ ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىش قارارىنى توسۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئىش-ھەرىكەت قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى، ئۇ بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

مالىيە مىنىستىرى چوي ساڭ-موك ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسى يۇن ۋە خاننىڭ دېلوسىنى تەكشۈرۈۋاتقان جەرياندا مۇۋەققەت پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدى.

كۈتۈلمىگەن قەدەم

پارلامېنت خاننى ھەربىي ھالەتتىكى گۇمانلىق رولى، شۇنداقلا ئاساسىي قانۇن سوت مەھكىمىسىگە تېخىمۇ كۆپ سوتچىلارنى تەيىنلەشنى رەت قىلغانلىقى ۋە يۇن ھەم بىرىنچى خانىم كىم كېئون-خىغا قارشى ئالاھىدە قانۇن لايىھەلىرىنى قوللىمىغانلىقى سەۋەبىدىن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىغانىدى.

خان 19-فېۋرال كۈنى بۇ ئىشقا ئائىت بىردىنبىر گۇۋاھلىق يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ ھەربىي ھالەت ۋەقەسىدە رول ئوينىغانلىقىنى ئىنكار قىلدى ۋە سوت مەھكىمىسىدىن ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلاش قارارىنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

پىرېزىدېنت يۇننىڭ 3-دېكابىردىكى كۈتۈلمىگەن ھەربىي ھالەت يولغا قويۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي قالايمىقانچىلىق ئاسىيادىكى تۆتىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ جەنۇبىي كورېيەگە تەسىر كۆرسىتىپ، يۇننى خىتاي ۋە شىمالىي كورېيەگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە مۇھىم ھەمكارلاشقۇچى دەپ قارايدىغان ئامېرىكا قاتارلىق ئىتتىپاقداشلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغانىدى.

ھەربىي ھالەت ئاخىرىدا پەقەت ئالتە سائەتچ ئەتراپىدا داۋاملاشتى. پارلامېنت ئەزالىرى ساقچى ۋە ئارمىيەنىڭ پارلامېنتنى قورشاۋغا ئېلىش ھەرىكەتلىرىگە قارشى تۇرۇپ، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ،  ھەربىي ھالەتنى رەت قىلىش توغرىسىدا بېلەت تاشلىدى.

ئىزدىنىڭ
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى
رودرىگېز: ئامېرىكا كۇباغا ھۇجۇم قىلغان تەقدىردە «ئىنسانىي پاجىئە» كېلىپ چىقىدۇ