رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ پايتەخت موسكۋا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشىمىغان رايونلاردا ئۇكرائىناغا تەۋە 644 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى.
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ئودېسسا پورتىغا ھەربىي ئەشيالارنى توشۇيدىغان بىر يۈك پاراخوتى بىلەن ئودېسسا رايونىدىكى بىر ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنى نىشان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچىچە ئۇكرائىنانىڭ پورت ئۇل ئەسلىھەلىرىگە ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان پاراخوتلارغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ھۇجۇملارنى داۋاملاشتۇرغانلىقى قەيت قىلىندى.
باياناتتا، ئودېسسا رايونىدىكى تەپلودار يېزىسىغا جايلاشقان، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەربىي ۋە قوش مەقسەتلىك يۈكلەرنى ساقلاشقا ئىشلىتىلىدىغان «Blum» ئەشيا ئوبوروتى مەركىزىنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى، شۇنداقلا ئودېسسا پورتىغا ھەربىي يۈك توشۇۋاتقان بىر پاراخوتنىڭ سەپەر جەريانىدا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەندى.
مىنىستىرلىقنىڭ يەنە بىر باياناتىدا، تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى 20:00 دىن بۈگۈن سائەت 08:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا، رۇسىيە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىنىڭ كۆپلىگەن جايدا 644 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈنۈگۈن ئاخشامدىن سەھەرگىچە موسكۋاغا قاراپ ئۇچقان 94 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ پارچىلىرى چۈشكەن جايلاردا جىددىي قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى (Rosaviatsiya) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن كېچىچە پايتەخت موسكۋادىكى ئايرودۇرۇملار ۋە ساينت پېتېربۇرگدىكى پۇلكوۋو ئايرودۇرۇمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان شەھەرلىرىدە نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىغا ۋاقىتلىق چەكلىمە قويۇلغان.


























