سىبىھا ئۇكرائىنانىڭ «RBK-ئۇكرائىنا» خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، 2022-يىلى فېۋرالدىن بۇيان داۋاملىشىۋاتقان رۇسىيە—ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدىكى تىرىشچانلىقلار ھەققىدە توختالدى.
ئامېرىكا، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا قاتنىشىدىغان ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەتلەرنى قايتا ئۆتكۈزۈش كېرەكلىكىنى، ئۇكرائىنانىڭ بۇنىڭغا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سىبىھا: «بۇنىڭ ئىمكانقەدەر تېز ئەمەلگە ئېشىشىنى خالايمىز. تىنچلىقنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ كىچىك پۇرسەتتىنمۇ پايدىلىنىمىز» دېدى.
سىبىھا ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولۇدىمىر زېلېنىسكىي بىلەن رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ كۆرۈشۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۇ بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قاتنىشىشى ياكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.




















