خىتاي بىلەن ھىندىستان بەش يىلدىن كېيىن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى

خىتاي بىلەن ھىندىستان 2020 – يىلىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرى ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى سەۋەبىدىن ساياھەتنى توختىتىپ بەش يىلدىن كېيىن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان بەش يىلدىن كېيىن بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى / AP

 ھىندىستاننىڭ «IndiGo» ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ كالكۇتتا – گۇاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى، 2020 – يىلىدىكى چېگرا توقۇنۇشلىرى ۋە «كوۋىد – 19» يۇقۇمى  سەۋەبىدىن توختىتىلغان ئىككى چوڭ قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشى بولۇپ قالدى.

خىتاي بىلەن ھىندىستان 2020 – يىلىدىكى چېگرا توقۇنۇشى بىلەن جىددىيلەشكەن مۇناسىۋەتنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدىكى ئېھتىياتچان قەدەم سۈپىتىدە، ئارىدىن بەش يىل ئۆتكەندىن كېيىن يەكشەنبە كۈنى بىۋاسىتە سودا ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

«IndiGo» شىركىتىنىڭ تۇنجى ئايروپىلانى كالكۇتتادىكى نېتاجى سۇبھاش چاندرا بوسې خەلقئارا ئايرودۇرۇمىدىن قوزغىلىپ، 176 يولۇچىنى ئېلىپ گۇاڭجۇغا قوندى. ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئاۋىياتسىيە شىركىتى بۇ ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا ھەر كۈنى بىۋاسىتە ھاۋا قاتنىشىنى ئىشقا كىرىشتۈرىدۇ.

يېڭى دېھلى بۇ قەدەمنىڭ «كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى» ۋە «ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ تەدرىجىي نورماللىشىشىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى» بىلدۈردى.

شاڭخەي بىلەن يېڭى دېھلىنى بىر - بىرىگە تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىنچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 9 – نويابىر كۈنى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم داۋاملىشىدۇ.

 ئاسىيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھاۋا قاتنىشى 2020 – يىلىنىڭ باشلىرىدا «كوۋىد – 19» يۇقۇمىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ توختىتىلغان ئىدى. بۇ ئەھۋال شۇ يىلى ئىيۇن ئېيىدا گالۋان ۋادىسىدا 20 ھىندىستان ئەسكىرى ۋە ئېنىقسىز ساندا خىتاي ئەسكىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان قانلىق توقۇنۇشلاردىن كېيىنمۇ داۋاملاشقان ئىدى.

مۇناسىۋەتلەر 2024 – يىلى ئۆكتەبىردە «ئەمەلىي كونترول لىنىيەسى» (LAC) بويىدىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشنى مەقسەت قىلغان بىر كېلىشىمدىن كېيىن قىسمەن ياخشىلاندى. ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ قايتا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ نوپۇسلۇق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەتلەرنىڭ نورماللىشىشى يولىدىكى سىمۋوللۇق ۋە مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالماقتا.