سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بارلىق تارماقلىرىنى «شەرتسىز قورال تاشلاش»قا چاقىردى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەنقەرەنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ تېررورلۇققا خاتىمە بېرىپ، دۆلەتكە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتنى يوقىتىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
00:00
تۈركىيە، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە بارلىق تارماقلىرىنى «شەرتسىز قورال تاشلاش»قا چاقىردى
گۇلەر تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۆتمۈشتىكىگە ئوخشاش، «دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان ھەر قانداق تەھدىتكە قارشى قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنى ۋە ئۆزىگە تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلىغانلىقىنى» بىلدۈردى. / AA
2025-يىلى3-ئاينىڭ17-كۈنى

تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ياشار گۈلەر، پ ك ك تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ۋە ھەر خىل نامدا ياكى رايونلاردا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق تارماقلىرىنى تارقىۋېتىشكە ۋە «شەرتسىز قورال تاشلاش»قا چاقىردى.

مىنىستىر گۈلەر شەنبە كۈنى (15-مارت) بىر مۇراسىمدا سۆز قىلىپ، «تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ... تېررورلۇقنىڭ ھېچنېمىگە يارىمايدىغانلىقىنى، مۇددىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ۋە تارقىلىپ كېتىشتىن باشقا تاللىشى يوقلۇقىنى چۈشىنىپ يەتكەنلىكى دىققەتكە سازاۋەر، ئەمما بەك كېچىكىپ قالدى» دېدى.

ۋە «بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، تېكىستتە ئېنىق بەلگىلەنمىگەن ئۇرۇش توختىتىش قاتارلىق مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماسلىقى كېرەك. بۇنداق بىر ئىش قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

تۈركىيەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى دۆلەتنىڭ كۈنتەرتىپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرىپىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۈلەر، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ «دۆلەتنىڭ بىرلىكى ۋە پۈتۈنلۈكىگە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتكە قارشى تەۋرەنمەس قەتئىيلىك بىلەن كۈرەش قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئۆزىگە بېرىلگەن ۋەزىپىلەرنى غەلىبىلىك ھالدا ئورۇنلاۋاتقانلىقى»نى تەكىتلىدى.

ئەنقەرەنىڭ ئاخىرقى نىشانىنىڭ تېررورلۇققا خاتىمە بېرىپ، دۆلەتكە قارىتىلغان ھەر تۈرلۈك تەھدىتنى يوق قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۈلەر، «بۇزغۇنچىلىقس سېلىش، سۇيىئىستېمال قىلىش ياكى جەرياننىڭ ئۇزارتىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ شۇنداقلا تەمكىنلىك ۋە مەنتىقلىق ھەرىكەت قىلىنىدۇ» دېدى.

تۈركىيەگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان 40 يىللىق تېررور دولقۇنلىرى تۈركىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ تىزىمغا ئېلىنغان پ ك ك، ئاياللار، بالىلار، بوۋاقلار ۋە ياشانغانلار بولۇپ 40000 دىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئۆلۈمىنىڭ جاۋابكارى.

بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىدە ئارقىغا داجىش يوق

شەنبە كۈنى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسى جەريانىدا ئېلان قىلىنغان باشقا بىر باياناتتا، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مەسلىھەتچىسى ئاكىف چاغاتاي قىلىچ، ئەنقەرەنىڭ بىخەتەرلىك ۋە سۈرىيەنىڭ كەلگۈسى مەسىلىسىدە «چېكىنمىگەنلىكىنى، بىر قەدەممۇ ئارقىغا داجىمىغانلىقىنى ياكى باشقا بىر نۇقتىغا كەلمىگەنلىكى»نى تەكىتلىدى.

قىلىچ پ ك ك تېررورلۇق گۇرۇھىنىڭ سۈرىيە تارمىقى بولغان ي پ گ باشچىلىقىدىكى س د ف بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى رايونلارنىڭ بىرلەشكەن سۈرىيەگە قوشۇلۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك يېقىنقى بىر كېلىشىمنىڭ نەتىجىلىرىنى تۈركىيەنىڭ يېقىندىن كۆزىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئەنقەرەنىڭ ئىلگىرىلەشنىڭ ئىجابىي شەكىلدە تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىشىۋاتقان جەرياننى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۈرىيەنىڭ لازىقىييە ۋىلايىتىدە ئاغدۇرۇۋېتىلگەن ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ قالدۇق كۈچلىرى بىلەن يېڭى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەر ھەققىدە توختالغان قىلىچ، دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ، «جان يوقىتىش ھەممىمىز ئۈچۈن تراگېدىيەلىك بىر ئەھۋالدۇر» دېدى.

«بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقنى قوغداش، دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ شەكىللىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇ يەردە بىر بىرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە بىخەتەرلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىرادىسىنىڭ ئىجابىي شەكىلدە نامايان قىلىنغانلىقىنى ئېيتالايمىز» دېگەنلەرنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا بىر كېلەچىكىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى. تۈركىيە، ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كەسكىن ھالدا رەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تولۇق ھالدا يوق قىلىنىشىنى نىشان قىلىدۇ.


TRT  گلوبال - تۈركىيە، س د ف-سۈرىيە كېلىشىمىنى زېمىنلارنى بىرلەشتۈرۈش نۇقتىسىدىن كۆزىتىدۇ

TRT  گلوبال - مۇداپىئە مىنىستىرلىقى مەنبەلىرى، تۈركىيەنىڭ سۈرىيەنىڭ بىرلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسىدە ھەر ئىشقا يول قويمايدىغانلىقىنى، ئەنقەرەنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Türkiye to monitor SDF-Syria deal to unify territory

ئىزدىنىڭ
ئىران خامەنېينىڭ ئوغلى مۇجتەبانى يېڭى دىنىي رەھبەر قىلىپ تەيىنلىدى
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»