سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
پاكىستان تالىباننىڭ بەش ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
پاكىستان ئارمىيەسى ھەربىي مەكتەپكە قىلغان ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدىكى بەش پاكىستان تالىبان تېررورچىسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.
پاكىستان تالىباننىڭ بەش ئەزاسى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى
پېشاۋۇردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا، قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلار كۆرسىتىلدى. رويتېرس. / Reuters

پاكىستان ئارمىيەسى غەربىي شىمالدا ئارمىيەگە قاراشلىق ھەربىي مەكتەپكە قىلىنغان ھۇجۇمدىن كېيىن، بەش پاكىستان تالىبان ئەزاسىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر ئادەم بومبىمۇ بار.
بىر بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ دېيىشىچە، تېررورچىلار 2014-يىلدىكى پېشاۋۇردىكى مەكتەپ ھۇجۇمىنى تەكرارلاشقا ئۇرۇنغان، ئەمما بىخەتەرلىك كۈچلىرى بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالغان.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر بىخەتەرلىك خادىمى ھەربىي ھەرىكەتلەرنىڭ چارشەنبە (12-نويابىر) كۈنى ئاخىرلاشقانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭ مەكتەپ بىناسىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇش ئېھتىمالى بولغان پارتلاتقۇچلاردىن تازىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

دۈشەنبە (10-نويابىر) كۈنى، ئافغانىستان چېگراسىغا يېقىن جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايونىغا جايلاشقان ۋانا شەھىرىدىكى ھەربىي مەكتەپ ھۇجمغا ئۇچرىدى. تېررورچىلار ئاپتوموبىل بومبىنى مەكتەپنىڭ دەرۋازىسىغا سوقۇپ پارتلاتتى.

ئىككى تېررورىست (بىرى ئادەم بومبا) مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، قالغان ئۈچ تېررورىست مەكتەپكە بېسىپ كىردى.

نام-شەرىپىنى ئاشكارىلىمىغان بىخەتەرلىك خادىمى مۇنداق دېدى:

«بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى ۋە باشقا كىشىلەر بولۇپ  600 دىن ئارتۇق كىشىنى قۇتقۇزدى. ئاندىن مەكتەپنىڭ مەمۇرىي بۆلۈمىدە قورشاۋدا قالغان تېررورچىلارغا قارشى ھەرىكەت باشلىدى» دېدى.

پاكىستان ئارمىيەسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۇجۇم «فىتنە ئال خاۋارىج» قا چېتىشلىق تېررورچىلار تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇپ، ئىسلامئاباد «تەھرىقى تالىبان پاكىستان»(TTP)  نى «فىتنە ئال خاۋارىج» دەپ ئاتايدىغانلىقىنى  ۋە بۇلارنى  «ئافغانىستاندىكى خوجايىنلىرى» نىڭ قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىخەتەرلىك خادىمىنىڭ دېيىشىچە، تېرورچىلار 2014-يىلدىكى پېشاۋۇردىكى مەكتەپ ھۇجۇمىنى تەكرارلاشقا ئۇرۇنغان، ئەمما بىخەتەرلىك كۈچلىرى بۇ پاجىئەنىڭ ئالدىنى ئالغان.

2014-يىلى 16-دېكابىر، ئالتە نەپەر «تەھرىقى تالىبان پاكىستان» ئەزاسى خەيبەر پاختۇنخۇا ئۆلكىسىنىڭ پايتەختى پېشاۋۇردىكى ھەربىي مەكتەپكە بېسىپ كىرىپ، 130 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 150 ئەتراپىدىكى ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.

«تەھرىقى تالىبان پاكىستان» نىڭ «خەلىپە مەنسۇر» گۇرۇھى بۇ ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. مەنسۇر 2017-يىلى ئۆكتەبىردە ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە ئامېرىكانىڭ ئۇچقۇ ھۇجمىدا ھۇجۇمىدا ئۆلتۈرۈلدى.

ئىسلامئاباد ئافغانىستاننى «تەھرىقى تالىبان پاكىستان» غا پاناھلىق بېرىش بىلەن ئەيىبلەيدۇ.

 «تەھرىقى تالىبان پاكىستان» يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پاكىستان ئىچىدە چېگرا ھالقىغان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتمەكتە.

ئىزدىنىڭ
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى