سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىراندا نامايىشلاردا ئۆلگەنلەر سانى 3000دىن ئېشىپ كەتكەن
ئىراندا ئاھالىلەر باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ نامايىشلارنى زور دەرىجىدە بېسىقتۇرغانلىقىنى ئېيتماقتا؛ دۆلەت تاراتقۇلىرى كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى شەھەرلەرنىڭ كوچىلىرىنىڭمۇ جىمىققانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىراندا نامايىشلاردا ئۆلگەنلەر سانى  3000دىن ئېشىپ كەتكەن
تېھران چوڭ بازىرىدا كىشىلەر تاقالغان دۇكانلارنىڭ يېنىدىن ئۆتمەكتە. 2026-يىلى 15-يانۋار، رويتېرس. / Reuters
2026-يىلى1-ئاينىڭ17-كۈنى

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى شەنبە (2026-يىلى 17-يانۋار) كۈنى ئىراننىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى نامايىشلاردا 3000دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، سەككىز كۈنلۈك ئىنتېرنېتنىڭ تاقىلىشىدىن كېيىن، دۆلەتتە ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ «ناھايىتى ئاز نىسبەتتە» ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەركىزى ئامېرىكاغا جايلاشقان HRANA كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ئاھالىلەرنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ نامايىشلارنى ھازىرچە كەڭ كۆلەمدە بېسىقتۇرغاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى، دۆلەت تاراتقۇلىرى نۇرغۇن ئادەمنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، نامايىشلاردا 3090 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچىدە 2885 نەپىرىنىڭ نامايىشچى ئىكەنلىكىنىڭ جەزملەشتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، پايتەخت تېھران تۆت كۈندىن بۇيان بىر قەدەر تىنجىغان بولۇپ، شەھەر ئاسمىنىدا ئۇچقۇلار ئۇچۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پەيشەنبە ياكى جۈمە (15-16-يانۋار) كۈنلىرى چوڭ تىپتىكى نامايىشلارنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن

كاسپىي دېڭىزى بويىغا جايلاشقان بىر شەھەرنىڭ ئاھالىسىمۇ كوچىلارنىڭ تىنجىغاندەك كۆرۈنۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىراندا نامايىشلار 28-دېكابىر (2025) ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن پارتلىغان بولۇپ، كېيىنچە كەڭ كۆلەملىك نامايىشقا ئايلىنىپ كەتكەن ئىدى.

ئىنتېرنېتنى كۆزىتىش گۇرۇپپىسى نېت بلوكس (NetBlocks) ئېكس (X) بېتىدە: «كۆرسەتكۈچلەر 200 سائەتلىك ئىنتېرنېت ئۈزۈلۈپ قېلىشتىن كېيىن، بۈگۈن ئەتىگەن (17-يانۋار) ئىراندا ئىنتېرنېت مۇلازىمىتىنىڭ ناھايىتى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە» دەپ يازدى.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئىنتېرنېتقا ئۇلىنىش نىسبىتى يەنىلا نورمال سەۋىيەنىڭ %2 ئەتراپىدا ئىكەن.

چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان بىر قانچە ئىرانلىقلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا شەنبە (17-يانۋار) كۈنى ئەتىگەندە ئىراندا ياشايدىغان ئابونتلارغا ئۇچۇر ئەۋەتەلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەگەر ئىران نامايىشچىلارنى قەتلى قىلسا «ئىنتايىن كۈچلۈك تەدبىر» قوللىنىدىغانلىقى بىلەن تەھدىت سالغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، تېھران رەھبەرلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك دارغا ئېسىشلارنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ تاراتقۇدا ھەمبەھرلىگەن ئۇچۇرىدا: «تۈنۈگۈن ئىران رەھبەرلىكى تەرىپىدىن پىلانلانغان دارغا ئېسىشلارنىڭ (800 دىن ئارتۇق) ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىمەن. رەھمەت سىلەرگە!» دېدى.

ئىران بولسا بۇنداق قەتلى قىلىش پىلانىنىڭ بارلىقى ياكى ئۇلارنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump thanks Iran for 'halting executions', claims move averted US attack
ئىزدىنىڭ
ئەردوغان كابىنېت ئۆزگىرىشى دائىرىسىدە يېڭى ئەدلىيە ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى تەيىنلىدى
ئامېرىكا - ئىران سۆھبىتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تېھران يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنى ئومانغا ئەۋەتتى
«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
خاقان فىدان «ھاۋا ھۇجۇملىرى ئىرانغا تۈزۈم ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلمەيدۇ» دېدى
ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىدا «Seahawks» چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
رۇسىيە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ئودېسسا ۋە خاركىۋغا ھۇجۇم قىلدى
جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسىنىڭ تىك ئۇچارى چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى خادىم قازا قىلدى
تاكائىچىنىڭ زور غەلىبىسى ياپونىيە پاي چېكى بازىرىدا يېڭى رېكورت ياراتتى
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
سۈرىيەنىڭ سۈۋەيدا يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى، بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى
ھىندىستاندىكى كۆمۈر كان پارتلاش ۋەقەسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 27 گە يەتتى
ترامپ ئامېرىكادىكى كۆرۈشۈشتىن كېيىن خوندۇراسنىڭ يېڭى رەھبىرىگە يۇقىرى باھا بەردى
ياپونىيە خەلقى مۇددەتتىن بۇرۇنقى سايلامغا بېلەت تاشلىماقتا
ئىسلامئابادتا بىر مەسچىتتە ئادەم بومبا پارتلىدى
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان