مىنىستىر مۇرات قۇرۇم نىيۇ يوركتا COP31 يىغىنىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر مۇرات قۇرۇم نىيۇ يوركتا COP31 يىغىنىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدىتۈركىيە مۇھىت، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم نويابىر ئېيىدا ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان COP31 يىغىنى ئارقىلىق، كىلىمات نىشانلىرىنى ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەرگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.
مىنىستىر مۇرات قۇرۇم نىيۇ يوركتا COP31 يىغىنىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇھىت، شەھەرلەشتۈرۈش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىشلىرى مىنىستىرى مۇرات قۇرۇم نويابىر ئېيىدا ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى رامكا ئەھدىنامىسى» نى تۈزگۈچى تەرەپلەرنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنى (COP31) ئارقىلىق، كىلىمات نىشانلىرىنى ئۆلچىگىلى بولىدىغان ۋە يولغا قويغىلى بولىدىغان ھەرىكەتلەرگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.

مۇرات قۇرۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 81-نۆۋەتلىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان نىيۇ يوركتا، نويابىردا ئانتاليادا ئۆتكۈزۈلىدىغان COP31 يىغىنىنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ئۇ سۆزىدە كىلىمات كىرىزىسىنىڭ جىددىيلىكى توغرىسىدا ھازىر كۈچلۈك بىر ئورتاق چۈشەنچە ۋە نىشانلارنىڭ بارلىقىنى، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا قوللىنىشچان ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىنى، ئەمما بۇ چارىلەرنى قانداق ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ نېگىزلىك مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەبلەغكە ئېرىشىش، ئىقتىدار يېتەرسىزلىكى، تېخنولوگىيە ۋە سېلىنمىلارنى ئېھتىياج بىلەن ئۇچراشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرۇلۇق توختالغان قۇرۇم، ئانتاليادىكى COP31 يىغىنىدا مۇشۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدىغانلىقلىرىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«بۇ جەرياندىكى پوزىتسىيەمىز ئۈچ ئاساسلىق پىرىنسىپقا تايىنىدۇ، بۇلار: دىيالوگ، كېلىشىش ۋە ھەرىكەتتۇر. دىيالوگ ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئېھتىياج ۋە مۇھىم نۇقتىلارغا قۇلاق سالىمىز. كېلىشىش ئارقىلىق ئورتاق ھەرىكەت ساھەلىرىنى بەلگىلەيمىز. ھەرىكەت ئارقىلىق بولسا، بۇ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى كونكرېت نەتىجىلەرگە ئايلاندۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز.»

مۇرات قۇرۇم 2035-يىلىغىچە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ ئومۇمىي ئېنېرگىيە ئىستېمالىدىكى نىسبىتىنى ٪35 كە يەتكۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقلىرىنى، COP31 يەر شارى خاراكتېرلىك ئېلېكتىرلاشتۇرۇش تەشەببۇسى بىلەن بۇ جەرياننى دۇنيا مىقياسىدا تېزلىتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى. ئۇ يەنە «نۆل تاشلاندۇق» پىلانى بويىچە، 2035-يىلىغىچە شەھەر تاشلاندۇقلىرىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىنى كەم دېگەندە يېرىم ھەسسە ئازايتىشنى ۋە يەر شارى خاراكتېرلىك ئايلانما ماتېرىيال ئىشلىتىش نىسبىتىنى كەم دېگەندە ٪15 كە يەتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

مىنىستىر قۇرۇم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئانتاليانىڭ پەقەت بىر ئاخىرقى بېكەت ئەمەس، بەلكى كىلىمات ھەرىكەتلىرى ئاشكارا ۋە ئۆلچىگىلى بولىدىغان شەكىلدە تېزلىشىدىغان بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى 2026-يىللىق COP31 يىغىنى 9-نويابىردىن 20-نويابىرغىچە ئانتاليادىكى Expo مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى