سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ياۋروپانىڭ چوڭ شىركەتلىرى ستارلىڭك بىلەن رىقابەتلىشىش مۇزاكىرەلىرىنى باشلىدى
ياۋروپانىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى شىركەتلىرى بولغان ئايرباس «Airbus»، تالېس «Thales» ۋە لېئوناردو «Leonardo» ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت تەلەپلىرىگە ماسلىشىپ، ستارلىڭك «Starlink» بىلەن رىقابەتلىشىش ئۈچۈن بىرلىشىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلماقتا.
ياۋروپانىڭ چوڭ شىركەتلىرى ستارلىڭك بىلەن رىقابەتلىشىش مۇزاكىرەلىرىنى باشلىدى
Airbus hopes the satellite business merger will lead to a project like the MBDA missile venture. / TRT World


ياۋروپانىڭ ئاۋىياتسىيە-ئالەم شىركەتلىرى  ئايرباس، تالېس ۋە لېئوناردو  سۈنئىي ھەمراھ سودىسىنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى (2025-يىلى 9-ئاپرېل) ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مونوپولغا قارشى تۇرۇش باشلىقى تېرېسا رىبېرا  (Teresa Ribera

) كۆرۈشىدۇ.

بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ياۋروپا كومىتېتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئاساسەن بېكىتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

بۇ ئۈچ شىركەتنىڭ بىرلەشمە ئالەم شىركىتى قۇرۇشتىكى دەسلەپكى پىلانىنىڭ، ئېلون ماسكنىڭ ستارلىڭك شىركىتى بىلەن رىقابەتلىشىش نىيىتىدىن كەلگەنلىكى قەيت قىلىندى.

شىركەتلەرنىڭ ھازىرچە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مونوپولغا قارشى تۇرۇش ئەمەلدارلىرى بىلەن دەسلەپكى مۇزاكىرەلەرنى قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

 بۇ قەدەم، قوشۇۋېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلاشنى رەسمىي تەلەپ قىلىشتىن ئىلگىرى تاشلىنىدۇ.

ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر ئەمەلدارنىڭ ئالدىنقى ئايدا رېيتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېيتىشىچە، مەزكۇر سۆھبەتلەر دەسلەپكى باسقۇچتا بولۇپ، كېلەر يىلغىچە كونكرېت نەتىجىگە ئېرىشىشى تەس ئىكەن.

شىركەتلەرنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رىقابەت باشلىقى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز كېلىشىملىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدۇ ۋە تەكشۈرۈش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەر، مەسىلەن، مونوپولغا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ.

ئايرباسنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى، تالېس ۋە لېيئوناردو بىلەن بولغان سۈنئىي ھەمراھ بىرلەشتۈرۈش سۆھبەتلىرىدىن ياۋروپا باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى (MBDA) گە ئوخشاش بىر تۈر چىقسا خۇشال بولىدىغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى رىقابەت تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىلگىرىكىگە قارىغاندا يۇمشاق پوزىتسىيە تۇتۇشىغا ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارWhy are Elon Musk’s Starlink satellites burning up in the skies?

ئىزدىنىڭ
گالاتاساراي فىرانسىيەدىن 3 نومۇر بىلەن قايتتى
تۈركىيە ئاۋىياتسىيە ۋە ئالەم سانائىتىگە 3 يىلدا تەخمىنەن ئىككى مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بۇلغارىيە باش مىنىستىرى رادېۋ بىلەن تېلېفونلاشتى
كرېمىل: رۇسىيە–ئۇكرائىنا–ئامېرىكا مۇزاكىرىسىنى نويابىردا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تەييارمىز
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
كانادا باش مىنىستىرى كارنىي تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي سىيرەك توپىدىن پايدىلىنىپ ياپونىيەنى قىستىماقتا
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فەرگانىنىڭ ئالتىنچى سۈنئىي ھەمراھى ئوربىتىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنلاشتى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى