خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ئاراقچى: «ۋاسىتىچىلار ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئاتىلىشى مۇزاكىرە ئەمەس» دېدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»

ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابباس ئاراقچى، ئامېرىكا بىلەن ھازىرچە ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى كېلىشىم تېكىستىگە خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەتمىگۈچە مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاراقچى ئىران دۆلەتلىك تېلېۋىزىيەسىگە بايانات بېرىپ، ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىلەر ۋە ھۆرمۈز بوغۇزى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالدى.

تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچىلار ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق. ۋاسىتىچىلار ئارقىلىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئاتىلىشى مۇزاكىرە ئەمەس» دېدى.

ۋاسىتىچىلارنىڭ قايتىدىن ئۆزئارا چۈشىنىش ئاساسىنى يارىتىپ چىقىشى ئۈچۈن خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاراقچى، مۇزاكىرىلەرنىڭ تەكرار باشلىنىشى ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ كېلىشىم تېكىستىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئابباس ئاراقچى: «كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلش قىلمىشى ئاخىرلاشمىغىچە ۋە ئامېرىكا، كېلىشىم تېكىستىگە خىلاپلىق قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزەتمىگۈچە مۇزاكىرىلەرنىڭ قايتىدىن باشلىنىشى مۇمكىن ئەمەس» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلار ئارقىلىق ئامېرىكا تەرىپىگە يەتكۈزدى.

ئاراقچى ھۆرمۈز بوغۇزى مەسىلىسىدە ئومان بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇزاكىرىلەر ھەققىدىمۇ توختىلىپ، ئومان بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنىڭ ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى قايتىدىن تەكرارلىدى.

ئاراقچى: «ئومان بىلەن ئېلىپ بارغان مۇزاكىرىلىرىمىز، ھۆرمۈز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. بۇنىڭ ئىشقا ئاشۇرىلىشى ئۈچۈن باشقا شەرتلەرنىڭمۇ ئورۇندىلىشى كېرەك. بۇ شەرتلەر، ۋاسىتىچىلار ئارقىلىق ئامېرىكا تەرىپىگە يەتكۈزۈلدى» دېدى.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار