خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتايدا بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 22 خىتاي ئۆلۈپ، 3 خىتاي يارىلاندى
بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، خىتاينىڭ شىمالىدىكى خېبىي ئۆلكىسىدە بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىمۇ 20 خىتاي ئۆلگەن ئىدى.
خىتايدا بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 22 خىتاي ئۆلۈپ، 3 خىتاي يارىلاندى
In northeastern China, Liaoyang City, a restaurant fire killed 22 people and injured three on Tuesday. / TRT World / TRT World

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسىدە بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 22 خىتاي ئۆلۈپ، 3 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  بۇ ئوت ئاپىتى پايتەخت بېيجىڭدىن 580 كىلومېتىر (360 مىل) شەرقىي شىمالغا جايلاشقان لياۋ ياڭ شەھىرىدە يۈز بەردى.

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «29 - ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 12:25 دە رېستوراندا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى» دەپ خەۋەر قىلدى. 

خەۋەردە، چۈشتىن كېيىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 2:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 22 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 3 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ «ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش» كە سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ساۋاقنىڭ «ناھايىتى مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خەۋەردە، شىنىڭ يارىلانغانلارنى داۋالاش، ئۆلگەنلەرنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ياردەم بېرىش، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تېزلىكتە ئېنىقلاش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئىنتېرنېت  تورلىرىدا ھەمبەھرلەنگەن ۋە خەلقئارا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋىدىيولاردا كۈچلۈك ئوت يالقۇنلىرىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك رېستوراننى ئوراپ، قويۇق قارا تۈتۈننىڭ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. خىتاينىڭ  تىكتوك  دوۋيىندا تارقالغان ۋىدىيولاردا بولسا، دوختۇرلارنىڭ بىر جەسەتنى سېدىرغا ياتقۇزۇپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقى ۋە بىر نەچچە پاژارنى خادىملىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.

خىتايدا ئاساسەن قۇرۇلۇش بەلگىلىمىلىرىگە سەل قاراش ۋە خىزمەت بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈلسىز مۇئامىلە  قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىپ تۈرىدۇ. بۇ ئايدا، خىتاينىڭ شىمالىدىكى خېبىي ئۆلكىسىدىمۇ بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 20 خىتاي ئۆلگەن ئىدى.

يانۋار ئېيىدا بولسا، بېيجىڭنىڭ غەربىىي شىمالىدىكى جاڭجياكۇ شەھىرىدە بىر كۆكتات بازىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 8 خىتاي ئۆلۈپ، 15 خىتاي يارىلانغان ئىدى.

ئۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى، شەرقتىكى روڭچېڭ شەھىرىدىمۇ بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 خىتاي ئۆلگەن ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تىبەتتە 7 بال يەر تەۋرەپ، 16 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى پارس قولتۇقىدا تۆت پاراخوتقا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى
پادىشاھ فەھد ئايرودۇرۇمى ھۇجۇمغا ئۇچراپ بىر كىشى قازا قىلدى، سەككىز كىشى يارىلاندى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا 5 كىشى ئۆلدى، 56 كىشى يارىلاندى
پاكىستاندا يولۇچىلار ئاپتوبۇسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ 10 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى