بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا، خىتاينىڭ شىمالىدىكى خېبىي ئۆلكىسىدە بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدىمۇ 20 خىتاي ئۆلگەن ئىدى.
In northeastern China, Liaoyang City, a restaurant fire killed 22 people and injured three on Tuesday. / TRT World / TRT World
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسىدە بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 22 خىتاي ئۆلۈپ، 3 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. بۇ ئوت ئاپىتى پايتەخت بېيجىڭدىن 580 كىلومېتىر (360 مىل) شەرقىي شىمالغا جايلاشقان لياۋ ياڭ شەھىرىدە يۈز بەردى.
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «29 - ئاپرېل كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 12:25 دە رېستوراندا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى» دەپ خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، چۈشتىن كېيىن شۇ يەر ۋاقتى سائەت 2:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن 22 خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 3 خىتاينىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيەسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بۇ ئوت ئاپىتىنىڭ «ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش» كە سەۋەب بولغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭدىن ئالىدىغان ساۋاقنىڭ «ناھايىتى مۇھىم» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەردە، شىنىڭ يارىلانغانلارنى داۋالاش، ئۆلگەنلەرنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ياردەم بېرىش، ئوت ئاپىتىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى تېزلىكتە ئېنىقلاش، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن ھەر تۈرلۈك تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىشكە چاقىرىق قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىنتېرنېت تورلىرىدا ھەمبەھرلەنگەن ۋە خەلقئارا فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى (AFP) تەرىپىدىن تارقىتىلغان ۋىدىيولاردا كۈچلۈك ئوت يالقۇنلىرىنىڭ ئىككى قەۋەتلىك رېستوراننى ئوراپ، قويۇق قارا تۈتۈننىڭ ئاسمانغا ئۆرلەۋاتقانلىقى كۆرۈلدى. خىتاينىڭ تىكتوك دوۋيىندا تارقالغان ۋىدىيولاردا بولسا، دوختۇرلارنىڭ بىر جەسەتنى سېدىرغا ياتقۇزۇپ، قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا ئېلىپ مېڭىۋاتقانلىقى ۋە بىر نەچچە پاژارنى خادىملىرىنىڭ ئوت ئۆچۈرۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلدى.
خىتايدا ئاساسەن قۇرۇلۇش بەلگىلىمىلىرىگە سەل قاراش ۋە خىزمەت بىخەتەرلىكىگە كۆڭۈلسىز مۇئامىلە قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈملەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئوت ئاپىتى ھادىسىلىرى كۆپ يۈز بېرىپ تۈرىدۇ. بۇ ئايدا، خىتاينىڭ شىمالىدىكى خېبىي ئۆلكىسىدىمۇ بىر ياشانغانلار ساناتورىيەسىدە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 20 خىتاي ئۆلگەن ئىدى.
يانۋار ئېيىدا بولسا، بېيجىڭنىڭ غەربىىي شىمالىدىكى جاڭجياكۇ شەھىرىدە بىر كۆكتات بازىرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 8 خىتاي ئۆلۈپ، 15 خىتاي يارىلانغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى، شەرقتىكى روڭچېڭ شەھىرىدىمۇ بىر قۇرۇلۇش مەيدانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 9 خىتاي ئۆلگەن ئىدى.