تۈركىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئەرسىن تاتار «ئانا ۋەتىنىمىز (تۈركىيە)دىن مىننەتدارمىز» دېدى.
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى تۈركىيەگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى
فىدان / AP

جۇمھۇر رەئىس تاتار دۆلىتىمىز (تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان بىلەن لەفكوشادا ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن كېيىن، قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى ھەممىلا يەردە قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن تاتار: «ئادالەتسىز خەلقئارالىق مۇھىتتا، قىبرىس تۈركلىرىنىڭ تەبىئىي ھوقۇقلىرىنىڭ بېكىتىلىشى، مۇستەقىل ۋە باراۋەر خەلقئارالىق سالاھىيىتىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەڭ دائىرىدە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. بۇ شەرەپلىك سەپىرىمىزدە بىزنى ھەممىلا يەردە قوللىغان، يېنىمىزدا تۇرغان، دۆلىتىمىزنى گۈللىتىش ۋە تېگىشلىك ئورۇنغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ئىمكانىيەتلىرىنى سەپەرۋەر قىلغان ئانا ۋەتىنىمىزدىن مىننەتدارمىز» دېدى.

مىنىستىر خاقان فىدان يىغىندا سۆز قىلىپ: «قىبرىس تۈركلىرى 50 يىلدىن بېرى دۇچ كېلىۋاتقان چەتكە قېقىش ئۈن-تىنسىز سادىر قىلىنغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە ئايلاندى. بۇنىڭ ئۈنسىز شېرىكلىرى بار بولۇپ، بىلىپ ياكى بىلمەي بۇنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ قىبرىس خەلقىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئەڭ ئازغا چۈشۈرۈش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىۋاتىمىز. ئاخىرقى 50 يىلدا ئارالدا بىر رېئاللىق شەكىللەندى. ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىدىن باشقا، ئۇنىڭ ئارالدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشقا بىر چارە يوقلۇقىنى ھەممە كۆرۈۋاتىدۇ» دېدى.

ئاساسلىق چاقىرىقىنى جەنۇبىي قىبرىس رۇم رايونى پۇقرالىرى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىگە قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن فىدان: «ئۇلارمۇ قىبرىس ئارىلىنى كەلگۈسىدە تېخىمۇ زامانىۋىلاشقان، تەرەققىي قىلغان، تىنچ ۋە بىخەتەرلىكى مەڭگۈ كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان ھالەتتە كۆرمەكچى بولسا، بۇ خىل چارىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا جاسارەتلىك بولۇشى كېرەك. مەن بۇ يەردىن ئۇلارنى جاسارەتلىك بولۇشقا تەكلىپ قىلىمەن» دېدى.

ئۇ تۈركىيەنىڭ شىمالىي قىبرىس بىلەن ھەر ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىجابىي سىياسىي كەيپىياتنىڭ ئارالدىمۇ ئەكس ئېتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر فىدان: «گىرېتسىيە، تۈركىيە، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ۋە جەنۇبىي قىبرىس رىم ھۆكۈمىتى بىرلىكتە رايونىمىزدا تېخىمۇ ياخشى كەلگۈسى بەرپا قىلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى «تارىخىي» كېلىشىمىنى قوللايمىز
«يولبارس» كولومبىيەنىڭ پىرېزىدېنتى بولدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئوتتۇرىسىدا «مەككە ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى» ئىمزالاندى
تايلاندتا مەكتەپتە قانلىق ۋەقە يۈز بەردى
قىرغىزىستاندا ياۋرو-ئاسىيا ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە پاكىستان ئۈچ تەرەپلىك مۇداپىئە كېلىشىمى ئىمزالايدۇ
ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى پاكىستاندىكى قانلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ئىران باش مۇزاكىرىچىسى ئامېرىكانى «تىياتىر دىپلوماتىيەسى» يۈرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلىدى
خىتاي تەتقىقاتچىلىرى «يېلىم شارچىسى» نىڭ دەلىلىنى تاپتى
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا