خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
لاۋروۋ رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاشىنگتونغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ موسكۋانىڭ سۆھبەتلەرگە ئوچۇق ئىكەنلىكىنى، لېكىن تەشەببۇسنى ۋاشىنگتوننىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
لاۋروۋ رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ۋاشىنگتونغا باغلىق ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
لاۋروۋ ئۇكرائىنادىكى رايونلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ھەر خىل شەكىللەر بويىچە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. / Reuters

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ ۋاشىنگتونغا باغلىق بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

لاۋروۋ يەكشەنبە كۈنى ۋېنگىرىيەنىڭ يۇتىيۇب قانىلى «Ultrahang»  بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى جەريانىدا: «پىرېزىدېنت (دونالد) ترامپ پىرېزىدېنت (ۋىلادىمىر) پۇتىنغا بۇداپېشتتا ئۇچرىشىشنى تەكلىپ قىلدى. پىرېزىدېنت پۇتىن «بولىدۇ، تەييارلىق خىزمەتلىرىنى باشلايلى» دېدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

لاۋروۋ موسكۋانىڭ ئۆتكۈزۈلگۈسى رۇسىيە-ئامېرىكا باشلىقلار يىغىنىغا ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تەشەببۇسنىڭ ۋاشىنگتوندا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئەدەپلىك ئىنسانلار. بىر تەكلىپ ئالغاندا، <بولىدۇ> دەيمىز؛ قانداق، نەدە ۋە قاچان بولىدىغانلىقىنى قارار قىلايلى. لېكىن بۇ تەكلىپ بىكار قىلىندى، پىرېزىدېنت ترامپ تۈنۈگۈن ئاقسارايدا ئاشۇنداق دېدى. ئاندىن ئۇلار <بىكار قىلىش> دېگەن سۆز بىلەن ئەمەلىيەتتە <كېچىكتۈرۈش>نى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ، بۇ جەرياننى باشلىغانلارغا باغلىق بىر ئەھۋال.»

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو بىلەن ئىلگىرى ئىجابىي سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن لاۋروۋ: «تەشەببۇس ئامېرىكا تەرەپتىن كەلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ، رۇبىيو بىلەن لاۋروۋ ئوتتۇرىسىدا ياخشى ۋە نەتىجىلىك تېلېفون سۆھبىتى بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى ئاڭلىدىم. سۆھبەت شۇنچە ياخشى بولغانىدىكى، ھازىرچە باشقا بىر يىغىنغا ھاجەت يوق» دېدى.

لاۋروۋ يەنە مۇنداق دېدى: «ترامپ بىلەن پۇتىننىڭ (ئاۋغۇستتا ئالياسكادا ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ) نەتىجىلىرى ئۈستىدە ماركو رۇبىيو بىلەن سۆزلەشتۇق، ئۇ يېڭى بىر يىغىن ياكى ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا توختالمىدى. مەنمۇ بۇ مەسىلىنى تىلغا ئالمىدىم، چۈنكى پۈتۈن تەشەببۇس ئامېرىكادىن كېلىۋاتاتتى. ئامېرىكالىقلار ئۆزلىرىنى راھەت ھېس قىلغاندا ئىلگىرىلەشكە تەييارمىز.»

لاۋروۋ ئۇكرائىنادىكى رايونلارنىڭ كەلگۈسىنىڭ ھەر خىل شەكىللەر بويىچە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پۇتىننىڭ بۇ مەسىلىنى ترامپ، ۋېنگىرىيە باش مىنىستىرى ۋېكتور ئوربان، سىلوۋاكىيە باش مىنىستىرى روبېرت فىكو ۋە باشقا ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

سېرگېي لاۋروۋ: «بىز بىر تەڭپۇڭ رايونغا موھتاج. چۈنكى، ئۇكرائىنالىقلار بريانسكى، بېلگورود، كۇرسكىغا ئوخشاش ھېچكىم تەرىپىدىن تالاش-تارتىش قىلىنمايدىغان رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رۇسىيە زېمىنلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى نىشانىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ، كېيىۋنىڭ بېتەرەپ تۇرۇشى، ناتوغا قاتنىشىشتىن ساقلىنىشى، يادرو قورالى ساقلىماسلىقى ۋە رۇسچە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«ھازىر ياۋروپالىقلار، ئۇرۇش توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك سۆزلىرى بىلەن كۈنتەرتىپكە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ» دېگەن لاۋروۋ، ئۇكرائىنا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنى رۇسىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقىغا قارشى تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ئۇكرائىنادا شەرتسىز ئۇرۇش توختىتىشنى قوللايدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ۋاشىنگتونغا بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا قاتنىشىشىنىڭ بىر «خاتالىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، موسكۋانىڭ بۇ خىلدىكى قەدەملەرنى رايون مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان تەرەققىياتلار دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق