خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ترامپ بىلەن سۆزلەشتى
شى جىنپىڭ: «2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تەرتىپ ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ ئامىل — تەيۋەننىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىدۇر» دېدى.
شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ترامپ بىلەن سۆزلەشتى
شى جىنپىڭ ياپونىيە باش ۋەزىرىنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە ترامپ بىلەن سۆزلەشتى / AA

ياپونىيە باش ۋەزىرى، بۇ ئاي تەيۋەنگە قارىتا ئېھتىماللىقى يۇقىرى بىر خىتاي ھۇجۇمىنىڭ توكيونىڭ ھەربىي ئىنكاس قايتۇرۇشىغا سەۋەب بولالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي دۆلەت خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇا (Xinhua) نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تېلېفون سۆھبىتىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا تەيۋەننىڭ «خىتايغا قايتۇرۇلۇشى» نىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ ھەل قىلغۇچ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

شىنخۇانىڭ دۈشەنبە كۈنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، شى جىنپىڭ: «خىتاي ۋە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىر ۋاقىتلاردا فاشىزم ۋە مىلىتارىزمغا قارشى مۇرىنى مۇرىگە تېرەپ جەڭ قىلغان ئىدى، ئەمدى بولسا 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن بىرلىكتە خىزمەت قىلىشى كېرەك،» دېگەن.

ئاق ساراي ئەمەلدارى ترامپ بىلەن شىنىڭ تېلېفۇندا كۆرۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى، ئەمما تەپسىلات بەرمىدى.

خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ۋە ئۇنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن كۈچ ئىشلىتىشمۇ تاللاشلار ئىچىدە بالىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بىراق تەيۋەن ھۆكۈمىتى بېيجىڭنىڭ بۇ دەۋاسىنى رەت قىلىپ، تەيۋەننىڭ كېلىچىكىگە پەقەت تەيۋەن خەلقىنىڭلا قارار بېرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.

خىتاي ياپونىيە بىلەن يېقىنقى يىللاردىكى ئەڭ ئېغىر دىپلوماتىك كىرىزىسنىڭ ئىچىدە تۇرماقتا. بۇ ئەھۋال، بۇ ئاي ياپونىيە باش ۋەزىرى سانا تاكايچىنىڭ «دېموكراتىك باشقۇرۇش ئاستىدىكى تەيۋەن»گە قارىتىلغان ئېھتىماللىقى يۇقىرى خىتاي ھۇجۇمىنىڭ توكيونىڭ ھەربىي ئىنكاسىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىشى بىلەن يۇقىرى پەللىگە چىقتى.

شى جىنپىڭ ۋە ترامپ، تئامېرىكانىڭ تاموژنا بېجى سىياسەتلىرى قوزغىغان ئايلاپ داۋاملاشقان سودا سۈركىلىشلىرىدىن كېيىن، 30-ئۆكتەبىردە جەنۇبىي كورېيەدە كۆرۈشتى.

شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن سويا (پۇرچاق) سېتىۋېلىشنى قايتا باشلىدى ۋە نادىر يەر ئېلېمېنتلىرى ئېكسپورتىغا قارىتىلغان كېڭەيتىلگەن چەكلىمىلىرىنى توختاتتى؛ ئامېرىكا بولسا خىتايغا يۈرگۈزگەن تاموژنا بېجىنى %10 تۆۋەنلەتتى.

شى كۆرۈشۈشلىرىدىن بۇيان خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇقىملاشقانلىقىنى ۋە ياخشىلانغانلىقىنى ئېيتتى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى: «ئەمەلىيەتلەر يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ھەمكارلىق ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن. توقۇنۇش بولسا ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان يەتكۈزىدۇ،» دېدى ۋە ئىككى دۆلەتنى ئىجابىي ۋەزىيەتنى ساقلاپ قېلىپ، ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە چاقىردى.

ئىككى رەھبەر يەنە ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىمۇ سۆھبەتلەشتى. شى خىتاينىڭ تىنچلىققا ھەسسە قوشىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - US approves $700M air defence sale to Taiwan, second arms package in a week
ئىزدىنىڭ
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»
ئۇكرائىنا: «رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئوخشىمىغان رايونلارغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى قازا قىلدى»
مالىدا دائىشقا چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ھۇجۇمدا 48 پۇقرا قازا قىلدى
مىسىردا يۈز بەرگەن قاتناش ۋەقەسىدە 13 كىشى قازا قىلدى
كۈلتەپەنىڭ 78 يىللىق قېزىش تارىخىدا ئەڭ كاتتا يېڭى بايقاش
فرانسىيەدە سېرىق جىلىتكىلىكلەر نامايىشىدىن كېيىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش پىلانلانمىدى
فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون دۆلىتى ئۈچۈن قوشۇمچە دىزېل ھەل قىلدى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىدان بىريۇسسېلدا ناتو باش كاتىپى رۇتتې بىلەن كۆرۈشتى
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا ئامېرىكانىڭ بىر «MQ-9» ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى ساندېرس ئىسرائىلىيەگە ھەربىي ياردەمنى توختىتىشقا چاقىردى
ئۇكرائىنا: رۇسىيەنىڭ  تاڭ ئاتقۇچە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، 11 كىشى يارىلاندى