فىرانسىيە سۈرىيە پىرېزىدېنتى شارانىڭ تۇنجى ياۋروپا زىيارىتىگە ساھىبخانلىق قىلىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ماكروننىڭ جەمئىيەتنىڭ بارلىق قاتلاملىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان يېڭى، ئەركىن، مۇقىم ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق سۈرىيەنى قوللايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇرىيەنىڭ ئەھمەد شەرا 2025-يىلى 25-فېۋرال دەمەشقتە ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەتلىك سۆھبەت يىغىنىدا سۇرىيە جامائەتچىلىكىنىڭ ۋەكىللىرى ۋە مۇھىم زاتلارغا خىتاب قىلماقتا. / AFP

فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ فىرانسىيە خەۋەر ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون سۈرىيە پىرېزىدېنتى ئەھمەد شارا (شەرئ)نى كۈتۈۋالىدىغان بولۇپ، بۇ زىيارەت سۈرىيە رەھبىرىنىڭ ياۋروپاغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

فىرانسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ماكروننىڭ «فىرانسىيەنىڭ يېڭى بىر سۈرىيەنى، يەنى ئەركىن، مۇقىم، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ۋە سۈرىيە جەمئىيىتىنىڭ بارلىق تەركىبىي قىسىملىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بىر سۈرىيەنى قۇرۇپ چىقىشنى قوللايدىغانلىقى»نى قايتا تەكىتلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.