خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
خىتاينىڭ «Long March 7A» راكېتاسى، ۋېنچاڭ راكىتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدىن بىر سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ئۇچۇش جەرياندا پارتلىدى.
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى / Reuters

خىتاي دۆلەت تاراتقۇلىرى سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان خىتاي راكېتاسىنىڭ ئۇچۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خەۋەرلەر ۋە سىنلار ئالەم كېمىسىنىڭ ھاۋادا پارتلاپ كەتكەنلىكىگە ئىشارەت كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، مەسئۇللار بۇ مەغلۇبىيەتنى «ئۇچۇشتىكى نورمالسىزلىق» قا باغلاپ چۈشەندۈردى.

خىتاينىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى شىنخۇانىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋە كەم ئۇچرايدىغان ئۇچۇش مەغلۇبىيىتى، خىتاينىڭ جەنۇبىدىكى خەينەن ئۆلكىسىگە جايلاشقان ۋېنچاڭ ئالەم كېمىسى ئۇچۇرۇش مەيدانىدا شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 20:02 دە كۆككە كۆتۈرۈلگەن «Long March 7A» توشىغۇچى راكېتاسى ئىكەن.

شىنخۇا جۇڭشىڭ-4B  ئۇچۇرلىشىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان راكېتانىڭ ئۇچۇش جەريانىدا بىر «نورمالسىزلىق» قا دۇچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مەغلۇبىيەتنىڭ سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى  ئۇقتۇردى.

مەركىزى سىنگاپورغا جايلاشقان تاراتقۇ ئورگىنى «Channel News Asia»، ئىنستاگرامدا ھەمبەھرىلىگەن بىر ئۇچۇردا، راكېتانىڭ پارتلاپ كەتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ۋەقە يۈز بەرگەن جايدا ئاسماندىكى ئوت شارىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزىتىۋاتقان ئاممىنىڭ سىن كۆرۈنۈشىنى تارقاتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - SpaceX launches 11th Starship test flight in race to the Moon with China

«مۇشەققەتلىك» بىر خىزمەت

خىتاي ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەت ئىيۇل ئېيىدا تۇنجى قېتىم قايتا ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر راكېتانى ئۇتۇقلۇق ھالدا ئوربىتىغا قوندۇرغان. بۇ ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ ئالەم نىشانلىرى ۋە ئۇچۇرۇش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش نۇقتىسىدىن مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارالغان.

خىتاي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭمۇ «Artemis» پروگراممىسى بىلەن رىقابەتلىشىپ، 2030-يىلىدىن ئىلگىرى ئايغا ئاستروناۋت قوندۇرۇشنى نىشانلىماقتا.

SpaceX نىڭ باش ئىجرائىيە مەسئۇلى ئېلون ماسك، X تا دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن مەغلۇبىيەتلىك ئۇچۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك ھەمبەھىرلىگەن ئىنكاسىدا: «راكېتا خىزمىتى ئىشىنىپ بولغۇسىز دەرىجىدە قىيىندۇر. ئۇلارنىڭ تېزدىن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

شىنخۇا، 2020-يىلىنىڭ مارت ئېيىدا، خىتاينىڭ ۋېنچاڭ مەيدانىدىن ئېلىپ بارغان تۇنجى «Long March 7A» ئۇچۇرۇشىنىڭمۇ «بىر كاشىلا» سەۋەبىدىن مەغلۇبىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەنلىكىنى ئەسلىتىپ خەۋەر قىلغان ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EXPLAINER: How China's reusable rocket success marks a turning point in global space race



ئىزدىنىڭ
ئەنگلىيە باش ۋەزىرى بېرنھام: مەن غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتكە قاراپ تۇرالمايمەن
قاتار ۋە خىتاي ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئەركىن قاتناش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران تاجاۋۇزچىلار تاكى پۇشايمان قىلغانغا قەدەر قارشىلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەردى
زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ بىر تېلېۋىزىيە قانىلى ۋە يولۇچىلار پويىزىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى جاكارلىدى
نېپال-خىتاي چېگراسىدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر 1 مىڭ 400 گە يەتتى
ۋېنگىرىيە 10 رۇسىيەلىك دىپلوماتنى چېگرادىن قوغلاپ چىقاردى
پولشادا ماشىنا ئادەملەر سۈنئىي ئەقىلگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا بىر پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مىلادىچ ئۈچۈن دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
سموترىچ ۋە بېن-گۋىر ئەنگلىيەگە جازا يۈرگۈزۈش ۋە باش ئەلچىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى
كانادا ئامېرىكا ماللىرىغا 20 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى قويدى
تۈركىيە ملادىچ ئۈچۈن ھەربىي دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى
قاتار ئامېرىكا-ئىران كىرىزىسىنى «باسقۇچلۇق ھالدا ئاخىرلاشتۇرۇش» نى نىشان قىلماقتا
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى پەسەيتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلىغانلىقىنى ئېيتتى
ھاماس ئىسرائىلىيەنى غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەلىللىرىنى يوشۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى