سىياسەت
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ئامېرىكا زېمىنى» دەپ كۆرسەتكەن بىر خەرىتىنى ھەمبەھىرلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى ئامېرىكا زېمىنى دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بىر نەچچە كۈن كېيىن، بوغۇزغا «يېڭى ئامېرىكا زېمىنى» دەپ بەلگە قويۇلغان بىر خەرىتىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىدى.
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنى «ئامېرىكا زېمىنى» دەپ كۆرسەتكەن بىر خەرىتىنى ھەمبەھىرلىدى
«پات يېقىندا مەن ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئامېرىكىنىڭ زېمىنى دەپ ئېلان قىلىمەن»، دېدى تىرامپ./ سۈرەت: Truthsocial/@realDonaldTrump

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەيشەنبە كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدا ھورمۇز بوغۇزىغا «يېڭى ئامېرىكا زېمىنى» دەپ بەلگە قويۇلغان بىر خەرىتىنى ھەمبەھىرلىدى. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر ئىستراتېگىيەلىك سۇ يولىنى ئامېرىكا زېمىنى دەپ ئېلان قىلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئىلگىرىكى سۆزلىرىنىڭ داۋامى دەپ قارالدى.

«تولۇق كونترول»

ترامپ 14-ئاۋغۇست بىر پائالىيەتتە قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا تولۇق قامال يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «ئىراننى مەغلۇپ قىلىشنى تاماملىغاندىن كېيىن — ئۇ ھازىر ئېغىر دەرىجىدە مەغلۇپ بولۇۋاتىدۇ — پات ئارىدا ھورمۇز بوغۇزىنى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ زېمىنى دەپ ئېلان قىلىمەن» دېدى.

ترامپ باشقا بىر ئىجتىمائىي تاراتقۇ يازمىسىدا، ئامېرىكانىڭ ھورمۇز بوغۇزى ئۈستىدە «تولۇق كونتروللۇق»قا ئىگە ئىكەنلىكىنى ۋە ۋاشىنگتوننىڭ بۇ كونتروللۇقنى داۋاملىق ساقلاپ قالالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى يازدى.

ئىران ئەمەلدارلىرى بولسا، ئامېرىكا ئارىلىشىشى ۋە دېڭىز قامالىنى ئاخىرلاشتۇرمىغۇچە، شۇنداقلا 17-ئىيۇن تېھران بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ شەرتلىرى ئورۇنلانمىغۇچە، ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتا ئېچىلمايدىغانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن تەكىتلىمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار