ئوچېرىك
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: پاكىستان-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ئەڭ چوڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقى ھېسابلىنىدۇ
ترامپ ئەلىيېۋ ۋە پاشىنىيان بىلەن بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلغاندا قىلغان سۆزىدە، پاكىستاننىڭ ھىندىستان ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن توقۇنۇشلاردا ئۆزىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى مۇھىم دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ترامپ: پاكىستان-ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش ئەڭ چوڭ تىنچلىق تىرىشچانلىقى ھېسابلىنىدۇ
/ Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي ئاسىيادىكى يادرو قوراللىرىغا ئىگە پاكىستان بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ئۆزىنىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى نەتىجىسىدە ئاخىرلاشقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنى ئۇرۇش ئورنىغا سودىغا ئەھمىيەت بېرىشكە چاقىردى.

ترامپ جۈمە كۈنى ئاقسارايدا ئەزەربەيجان پىرېزىدېنتى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى نىكول پاشىنىيان بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۈچ تەرەپ باشلىقلار يىغىنىدا مۇنداق دېدى:

«مەن پاكىستان ۋە ھىندىستان بىلەن بولغان مەسىلىنى سودا ئارقىلىق ھەل قىلدىم. مېنىڭچە بۇ باشقا ھەرقانداق نەرسىدىنمۇ بەكرەك سودا ئارقىلىق بولدى. مەن بۇ ئىشقا مۇشۇنداق ئارىلىشىپ قالدىم.»

بۇ باشلىقلار يىغىنى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمېنىيە ئوتتۇرىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان بولۇپ، ئىككى رەھبەر ترامپنىڭ مۇرەسسەچىلىكىنىڭ ئۇنىڭغا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ترامپ ماي ئېيىدا ھىندىستان ۋە پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

 «ئويلاپ بېقىڭلار، مەن بەلكىم پۈتۈن دۇنيانى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى خالىمايمەن. بۇلار يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەردۇر.»

ترامپ پاكىستان-ھىندىستان كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنىڭ «چوڭ ئىش» ئىكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ئاسانلا يادرو ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ناھايىتى چوڭ ئىش ئىدى. مېنىڭچە سىلەرمۇ بۇ روشەن ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىسىلەر. ئۇلار بىر-بىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتاتتى، ئايروپىلانلارنى ئېتىپ چۈشۈرۈۋاتاتتى. يېقىنقى توقۇنۇشتا بەش ياكى ئالتە ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈلدى، ۋەزىيەت بۇنىڭدىنمۇ بەك ناچارلىشىپ كەتكەن بولاتتى.»

يادرو قوراللىرىغا ئىگە ئىككى قوشنا دۆلەت، ترامپ ئېلان قىلغان ماي ئېيىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئارقىلىق چېگرا ۋە تالاش-تارتىشلىق كەشمىر رايونىدا ئۇدا تۆت كۈن داۋاملاشقان، يۈزلىگەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئىشلىتىلگەن ئۆچ ئېلىش ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 60 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، مىڭلىغان كىشى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان ئەڭ شىددەتلىك توقۇنۇشلارغا خاتىمە بەردى.

 

پاكىستان تەخمىنەن 30 پاكىستان ۋە 70 ھىندىستان ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتناشقان بىر جەڭدە كەم دېگەندە بەش ھىندىستان ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى، بۇلاردىن ئۈچىنىڭ «رافالې (Rafale)» تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. دەسلەپتە ھىندىستان ھېچبىر ئايروپىلانىنىڭ پاكىستان تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىن دائىرىلەر پاكىستاننىڭ نامەلۇم ساندىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - India's Modi denies Trump brokered peace with Pakistan

 مودى ترامپنىڭ رولىنى رەت قىلماقتا

 

ترامپ سودا كوزىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئېيتقان ئارىلىشىشىدىن كېيىن تەرەپلەرنىڭ ئۇرۇش توختىتىشىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالغان، ھىندىستان ترامپنىڭ رولىنى رەت قىلغان، پاكىستان بولسا ئامېرىكا رەھبىرىنى ماختاپ، نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسەتكەنىدى.

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى پارلامېنتتا ترامپنىڭ ئۇرۇش توختىتىشتا رولى يوقلۇقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«ھېچقانداق دۇنيا رەھبىرى بىزدىن ھەرىكەتنى توختىتىشنى تەلەپ قىلمىدى.»

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى راجنات سىنگى مۇنداق دېدى:

«ھەربىي ھەرىكەتنىڭ بېسىم سەۋەبىدىن توختىتىلغانلىقى توغرىسىدىكى دەۋالار پۈتۈنلەي يالغان ۋە ئاساسسىزدۇر.»

ترامپ ۋە ھۆكۈمىتى ھىندىستان-پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئامېرىكانىڭ مۇرەسسەچىلىكىدە ھاسىل قىلىنغانلىقىنى 30 قېتىمدىن ئارتۇق ئىلگىرى سۈردى. پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو: «بىز بۇ مەسىلىگە بىۋاسىتە ئارىلاشتۇق، پىرېزىدېنت ترامپ بۇ تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرالىدى» دېيىش ئارقىلىق ترامپنىڭ رولىنى تەكرارلىدى. رۇبىيو EWTN تېلېۋىزىيە قانىلىدا ترامپنى «تىنچلىق پىرېزىدېنتى» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ كامبودژا-تايلاند، ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان ۋە كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى-رىۋاندا قاتارلىق دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن باشقا دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلىرىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump to work with India, Pakistan to settle ‘1000 years’ of Kashmir dispute

ئىزدىنىڭ
8-نۆۋەتلىك ئېتنو-تەنھەرىكەت مەدەنىيەت بايرىمى باشلاندى
فىدان: بۈگۈن خەلقئارا سۇمۇد فىلوتى پائالىيەتچىلىرىنى تۈركىيەگە كەلتۈرۈشنى پىلانلاۋاتىمىز
ئەردوغان: ئىرقىي قىرغىنچىلىق شايكىلىرىغا قارشى ئىنسانىيەتنى قوغداشنى داۋاملاشتۇرىمىز
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى
تۈركىيە: يەر شارى خاراكتېرلىك كىرىزىسلاردا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بىر تۇتاش ئىجرا قىلىنىشى كېرەك
ئاستون ۋىللا ئىستانبۇلدا ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى قولغا كەلتۈردى
SpaceX شىركىتى پاي چېكىنى ئاشكارا سېتىش ئۈچۈن ئىلتىماس سۇنىدۇ
پۇتىن: «رۇسىيە-خىتاي دوستلۇقى ھېچكىمگە قارشى ئەمەس» دېدى
تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى 19-ماي ئاتاتۈركنى ئەسلەش، ياشلار ۋە تەنھەرىكەت بايرىمىنى تەبرىكلىدى
تۈركىيە، قىرىم تاتارلىرى ۋە چېركەس سۈرگۈنلىرىنى «چوڭ ئىنسانىي پاجىئە» دەپ سۈپەتلىدى
تۈركىيە غەززە ياردەم ئەترىتىگە ئىسرائىلىيەنىڭ خەلقئارا دېڭىز تەۋەلىكىدە قىلغان مۇداخىلىسىن ئەيىبلىدى
ئىران، ھورمۇز بوغۇزىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭى بىر ئورگان قۇرغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى
ئىران، پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈردى
پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا پارتلاش يۈز بېرىپ 3 ئادەم قازا قىلدى، 4 ئادەم يارىلاندى
ئامېرىكانىڭ ئىككى ئۇرۇش ئايروپىلانى ماھارەت كۆرسىتىش جەريانىدا سوقۇلۇپ كەتتى