پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشتى: كۆپ ساندا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ۋەقەسى كۆرۈلدى.
ھاياتىدىن ئايرىلغانلار ئارىسىدا 13 ياش ۋە 13 ياشتىن تۆۋەن 27 ئوقۇغۇچى بىلەن 1 ئوقۇتقۇچىمۇ بار.
دوختۇرخانا مەسئۇلىنىڭ بەرگەن مەلۇماتىغا قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پېشاۋەر شەھىرىدە بىر مەكتەپنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈشى نەتىجىسىدە، 27 ئوقۇغۇچى ۋە 1 ئوقۇتقۇچى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
پېشاۋەردىكى لېدى رېدىڭ دوختۇرخانىسىنىڭ خادىمى مۇھەممەد ئاسىم خان، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى (AFP) غا بەرگەن باياناتىدا قازا قىلغانلار سانىنى جەزملەشتۈرۈش بىلەن بىرگە، 30 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، يارىدارلاردىن 6 كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ناھايىتى ئېغىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يەرلىك Dawn گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خان ھاياتىدىن ئايرىلغان بالىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ 13 ياش ۋە 13 ياشتىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى، دوختۇرخانىدا جىددىي ئەھۋال ئېلان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
1122 – قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ باياناتچىسى بىلال ئەھمەد فايىزى بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەرگەن باياناتىدا، ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 20 كىشىنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرى تەرىپىدىن دوختۇرخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، نۆۋەتتە رايوندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
پاكىستاندا بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى ۋە سۈپەتسىز قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى سەۋەبىدىن، بىنا گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈش ۋەقەلىرى دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
ئالدىنقى يىلى يازدا، لاھورنىڭ كاھنا رايونىدىكى 1 خۇسۇسىي مائارىپ مەركىزىنىڭ ئۆگزىسى گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، 14 بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.




















