ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 6 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلدى
خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2022 – يىلىدىن بۇيان تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ (FDI) ئومۇمىي سوممىسى 281 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.
تۈركىيە  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 6 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلدى
/ Anadolu Agency

خەلقئارا مەبلەغ سالغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 6 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنى (DYY) جەلپ قىلغان.

مەزكۇر جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا ئېلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل يانۋار ئېيىدىن تارتىپ ئىيۇنغىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ مىقدارى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %27 ئاشقان.

پەقەت ئىيۇن ئېيىدىلا  بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 2022 – يىلىدىن بۇيانقى ئومۇمىي سومما 281 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن.

6 مىليارد 300 مىليون دوللارلىق بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىدىن 3 مىليارد 900 مىليون دوللارلىق قىسمى سېلىنما سەرمايىسى سۈپىتىدە رويخەتكە ئېلىنغان.

 سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بىۋاسىتە چەت ئەل مەبلىغىنىڭ 2 مىليارد 200 مىليون دوللىرى قەرز ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق، 900 مىليون دوللىرى بولسا چەت ئەللىكلەرگە ئۆي-مۈلۈك سېتىش ئارقىلىق كىرگەن.

ئىگىلىنىشىچە، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ تۆۋەنلىشى سودا دۇنياسىنى تۈركىيەگە مەبلەغ سېلىشقا جەلپ قىلىۋاتقان مۇھىم ئامىللاردىن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - 'Legendary month': Türkiye sets all-time export record in July

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەنىڭ ئىيۇل ئېيىدىكى ئېكسپورتى 25 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يەتتى
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
گازپروم: ياۋروپانىڭ تەبىئىي گاز ئامبارلىرىدىكى قىسچىلىق تەمىنات خەۋپى ياراتماقتا
ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسى ئۆسۈم نسبىتىنى ئۆزگەرتمىدى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
تۈركىيە شامال ئېنېرگىيەسىدە دۇنيادا 5-، قۇياش ئېنېرگىيەسىدە 10-ئورۇندا تۇرىدۇ
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
ياۋروپادىكى قۇش زۇكىمى تۈركىيە تۇخۇملىرىغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى
ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە ئىقتىسادىغا قاراتقان ئېمبارگو بېسىمىنى ئاشۇردى
ياۋروپا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تۈركىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتىغا 200 مىليون ياۋرو مەبلەغ ئاجرىتىدۇ
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
شەرقىي قارادېڭىزدىن 115 دۆلەتكە 831 مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئېكسپورت قىلىندى
ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى 7 يىلدا 4,41 مىليارد لىرا مەبلەغ سېلىپ، 7.62 مىليارد لىرا تېجەپ قالدى
دۇنيا ئىسلام ئىقتىسادى يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلاندى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان تۈركىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئېنېرگىيە شېرىكچىلىكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى
تۈركىيە گىلەم ئىشلەپچىقارغۇچىلىرى بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى تۆت ئېيىدا 872 مىليون دوللارلىق گىلەم ساتتى
تۈركىيە ئۆتكەن يىلى 2 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق سۇ مەھسۇلاتلىرى ئېكىسپورت قىلدى
كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مىنىستىرلىرى ئىرانغا قارشى ئۇرۇش ۋە يېقىلغۇ كىرىزىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران ئۇرۇشى ئامېرىكا پۇقرالىرىغا 37 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قوشۇمچە ئېنېرگىيە چىقىمى يۈكلىدى
ترامپنىڭ ئاپتوموبىل تاموژنا بېجى گېرمانىيەنىڭ 18 مىليارد دوللار زىيان تارتىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن