سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
ھاماس ترامپنىڭ غەززە پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ھاماس سىياسىي بىيۇروسى ئەزاسى مۇھەممەد نەززال، تەشكىلاتنىڭ ترامپنىڭ غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا قارىتا ئاخىرقى جاۋابىنى بېرىشتىن بۇرۇن، ئوخشىمىغان گۇرۇپپىلار ۋە ۋاسىتىچىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
ھاماس ترامپنىڭ غەززە پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ھاماس ترامپنىڭ غەززە پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقانلىقىنى، يېقىندا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى / Reuters
2025-يىلى10-ئاينىڭ3-كۈنى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇھەممەد نەززال، ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ تەكلىپ قىلغان غەززە ئۇرۇش توختىتىش پىلانىغا يېقىندا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇھەممەد نەززال دوھادا «ئەلجەزىرە» تېلېۋىزىيەسىگە قىلغان سۆزىدە: «ھاماس نۇرغۇن ئەندىشىلىرى بولسىمۇ، بۇ پىلاننى ئەستايىدىللىق بىلەن مۇزاكىرە قىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇ، ھاماسنىڭ «ۋاقىت بېسىمى ۋە تەھدىتلەردىن يىراق ھالدا» ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار، مۇستەقىل زاتلار ۋە ۋاسىتىچىلەر بىلەن ئىچكى ۋە تاشقى مەسلىھەتلىشىشلەرنىڭ باشلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

نەززال ھاماسنىڭ ئاخىرقى جاۋابىنىڭ «پەلەستىن خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە پەلەستىن دەۋاسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئاساسلىرىنى نەزەردە تۇتىدىغانلىقى»نى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپنىڭ پىلانى

ئاقساراي 29-سېنتەبىر بۇ ھەقتە تەپسىلىي بىر پىلان سۇنغان بولۇپ، بۇ پىلاننىڭ غەززەدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى، ئارقىدىن قايتا قۇرۇش ۋە رايوننىڭ سىياسىي ھەم بىخەتەرلىك قۇرۇلمىلىرىنى قايتىدىن تەرتىپكە سېلىشنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

پىلانغا ئاساسلانغاندا، غەززە قورالسىزلاندۇرۇلغان رايونغا ئايلاندۇرۇلىدىكەن ھەمدە ترامپنىڭ بىۋاسىتە نازارىتى ئاستىدىكى يېڭى خەلقئارالىق كۆزىتىش ئورگىنى باشقۇرىدىغان ۋاقىتلىق باشقۇرۇش مېخانىزمى ئارقىلىق ئىدارە قىلىنىدىكەن.

پىلان يەنە، ھاماس تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىلىيەلىك تۇتقۇنلارنىڭ پىلان تەستىقلانغاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئىسرائىلىيە تۈرمىلىرىدىكى يۈزلەرچە پەلەستىنلىك مەھبۇسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھۆججەتتە، ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش، پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇش ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىن قەدەممۇ قەدەم چېكىنىپ چىقىشى قەيت قىلىنغان.

بۇ رايون كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلقئارانىڭ نازارىتى ئاستىدىكى تېخنوكراتلار ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىكەن.

ترامپ، ھاماسقا بۇ تەكلىپكە جاۋاب بېرىش ئۈچۈن «ئۈچ ياكى تۆت كۈن» ۋاقىت بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پىلاننىڭ غەززەدىكى ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشقان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرالايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى قىرغىنچىلىقى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارماقتا. ئىسرائىلىيە، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 66 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى ۋە خەلقئارانىڭ ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلدى.

قەيت قىلىنىشىچە، ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىرى ئاستىدا قالغانلىقى پەرەز قىلىنىۋاتقان تەخمىنەن 11 مىڭ پەلەستىنلىك يۇقىرىقى ساننىڭ سىرتىدا ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەر، غەززەدىكى مەسئۇللار ئېلان قىلغان ئۆلۈم سانىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ھەقىقىي ساننىڭ 200 مىڭ ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گالانت ئۈستىدىن غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئىسرائىلىيە يەنە، رايوندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئۇرۇشى سەۋەبىدىن خەلقئارا ئەدلىيە سوتىدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەۋاسىغا دۇچ كەلمەكتە.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى توغرىسىدا خۇلاسە چىقاردى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، رايوننىڭ ياشاشقا بولمايدىغان ھالغا كەلگەنلىكى، كەڭ تارقالغان ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەرنىڭ ئىنسانىي كىرىزىسنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقى توغرىسىدا قايتا-قايتا ئاگاھلاندۇردى.

ۋاشىنگتون ئۇزۇن يىللىق ئىتتىپاقدىشى بولغان ئىسرائىلىيەگە يىلدا 3 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ھەربىي ياردەم تەقسىم قىلىپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە قوشنا دۆلەتلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە ئىشلىتىشى ئۈچۈن 22 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ياردەم بەردى.

بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، ۋاشىنگتون ھازىرغىچە ھەرقانداق قورال-ياراغ يەتكۈزۈشكە شەرت قويۇش چاقىرىقلىرىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى.

ئامېرىكادىكى «تاشقى مۇناسىۋەتلەر كېڭىشى» ناملىق ئاقىللار ئامبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا 1946-يىلىدىن بۇيان ئىسرائىلىيەگە 310 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەن.

ئىزدىنىڭ
ئىرانغا قارشى ئۇرۇش بىلەن بىرلىكتە نېفىت باھاسى 105 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
تۈركىيە شىمالىي قىبرىسقا F-16 كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى
يېڭى كۆرۈنۈشلەر ئامېرىكا بومبىسىنىڭ ئىراندىكى بىر باشلانغۇچ مەكتەپ يېقىنىغا چۈشكەنلىكىنى كۆرسەتتى
ئىسرائىلىيە ئىران بىلەن كەم دېگەندە بىر ئاي داۋاملىشىدىغان بىر ئۇرۇشقا تەييارلانماقتا
ئامېرىكا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەلچىخانا خادىملىرىنىڭ دۆلەتتىن ئايرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: ئامېرىكا ئىران دېڭىز ئارمىيەسىنى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سۇپىلىرىنى ۋەيران قىلدى
ئەردوغان ئىراق كورد رايونلۇق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى بارزانى بىلەن تېلېفوندا مۇھىم  سۆھبەت ئۆتكۈزدى
خاقان فىدان: «تۈركىيە ئىران ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن دىپلوماتىيەنى كۈچەيتتى»
نېتانياھۇ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشنى «پۈتۈن كۈچى» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
ئىران ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى، ئامېرىكا بۇ دەۋالارنى رەت قىلدى
ئوسلودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەردى
ترامپ ئىراننىڭ قوشنىلىرىغا «تەسلىم بولغانلىقىنى» ئىلگىرى سۈردى، يېڭى ھۇجۇملار بىلەن تەھدىت سالدى
ئەردوغان: «ئىران تىنچلىق مۇساپىسىدىكى كېچىكىش يەر شارىنىڭ مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزىدۇ»
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا قانۇنسىز ئىسرائىلىيەلىك كۆچمەنلەر ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى