ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئوت بومبىسى ئېتىشقا ئۇرۇنغان بىر ئامېرىكالىق قولغا ئېلىندى
28 ياشلىق جوسېف نېيۇمايېر (Joseph Neumayer) ئىسرائىلىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەندە نازارەتكە ئېلىندى.
ئىسرائىلىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئوت بومبىسى ئېتىشقا ئۇرۇنغان بىر ئامېرىكالىق قولغا ئېلىندى
ئىسرائىلىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىغا ئوت بومبىسى ئېتىشقا ئۇرۇنغان بىر ئامېرىكىلىق قولغا ئېلىندى / AA

ئامېرىكا فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) جون كېننېدى ئايرودورومىدا ئامېرىكا-گېرمانىيە قوش دۆلەت تەۋەلىكىگە ئىگە بىر كىشىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ تېل ئاۋىۋ شەھىرىدىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنىڭ شۆبىسىگە مولوتوف كوكتېلى بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالدى. ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بۇ ئۆزگىرىشنى ئاممىغا ئېلان قىلدى.

28  ياشلىق جوسېف نېيۇمايېر ئەلچىخانا ئەسلىھەلىرىنى ئوت ياكى پارتلاتقۇچ ئىشلىتىپ ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، يەكشەنبە كۈنى سوتلاندى. فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ مەخسۇس خادىملىرى ئىسرائىلىيە دائىرىلىرىنىڭ نېيۇمايېرنى ئامېرىكاغا چېگرادىن قوغلاپ چىقارغاندىن كېيىن، نىيۇ-يوركقا يېتىپ كەلگەندە ئۇنى نازارەتكە ئالدى.

نېيۇمايېر تۇنجى سوتىنى نىيۇيوركنىڭ شەرقىي رايونىدا ئامېرىكا سوتچىسى پېگگى كو (Peggy Kuo) نىڭ ئالدىدا ئۆتكۈزدى ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇلۇپ سوتلىنىشى قارار قىلىندى.

ئەرزنامىگە ئاساسلانغاندا، نېيۇمايېر ئاپرېل ئېيىدا ئىسرائىلىيەگە كەلگەن ھەمدە 19-ماي تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىغا ئىچىدە ئۈچ دانە قولدا ياسالغان ئوت ئالغۇچى ا (مولوتوف كوكتېلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان) ئوت بومبىسى بار سومكا بىلەن يېقىنلاشقان.

تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار

نېيۇمايېرنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى يازمىلىرىدا، «تېل ئاۋىۋدىكى ئەلچىخانىنى كۆيدۈرگەندە ماڭا قوشۇلۇڭلار» دېگەندەك تەھدىت خاراكتېرلىك ئۇچۇرلار بار ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا، نېيۇمايېرنىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ھاياتىغا تەھدىت دەپ قارالغان باشقا يازمىلىرىمۇ بايقالغان.

ئەدلىيە مىنىستىرى پامېلا بوندى ( (Pamela Bondi،  «مىنىستىرلىق بۇ خىل زوراۋانلىققا يول قويمايدۇ ۋە بۇ جاۋابكارنى قانۇننىڭ ئەڭ ئېغىر ماددىلىرى بويىچە سوتلايدۇ» دېدى.

فېدېرال تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) نىڭ باشلىقى كاش پاتېل (Kash Patel) بولسا بۇ ئەھۋالنى «رەزىل ۋە زوراۋانلىق ھەرىكىتى» دەپ سۈپەتلىدى.

ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر جىنايىتى مۇئەييەنلەشسە نېيۇمايېرغا بەش يىلدىن يىگىرمە يىلغىچە مۇددەتلىك قاماق جازاسى  بېرىلىشى ۋە 250 مىڭ دوللارغىچە جەرىمانە قويۇلۇشى مۇمكىن ئىكەن.

نېيۇمايېرنىڭ تېل ئاۋىۋدىكى ھۇجۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن ئىككى كۈن كېيىن، يەنە بىر كىشى ۋاشىنگتوندىكى بىر يەھۇدىي مۇزېيىنىڭ ئالدىدا ئىسرائىلىيە ئەلچىخانىسىنىڭ ئىككى خادىمىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «ئورتاق چۈشىنىش» ھۆججىتىگە ئىنكاس قايتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز ئىران پىرېزىدېنتى مەسئۇد پەزەشكىيان بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ناتو باشلىقلار يىغىنىدا يېڭى ئەۋلاد ھەربىي مەركىزىنى كۆرگەزمە قىلىدۇ
گىرېتسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى: ئىسرائىلىيە تۈركىيەنىڭ ناتودىكى مۇھىملىقىنىڭ ئېشىشىدىن ئەنسىرىمەكتە
تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى مەھسۇلاتلىرى ناتو باشلىقلار يىغىنىدا كۆرگەزمە قىلىنىدۇ
تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى تۆمۈر يول يۈك تىرانسپورتى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ
ئەردوغان: بىزنىڭ مىڭلارچە يىللىق شانلىق تارىخىمىزدا پەقەت ئادالەت ۋە مەرھەمەتلا بار
تۈركىيە-قىرغىزىستان ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئەنگلىيە مۇساپىرلارنىڭ 10 مىڭ ستېرلىڭ تۆلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ
« تۈركىيە ناتو بىلەن رايون خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن ھالقىلىق رولغا ئىگە»
ئەردوغان: ناتو ئەنقەرە باشلىقلار يىغىنى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنىڭ ئەڭ كۈچلۈك سۇپىسى بولىدۇ
تۈركىيە ئىسرائىلىيەنى جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 1915-يىلقى ۋەقەلەرنى كوزىر قىلىۋېلىشىنى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ۋېنېزۇئېلاغا ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئەۋەتىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ ۋېنېزۇئېلا خەلقىگە ۋە ھۆكۈمىتىگە تەزىيە بىلدۈردى
ترامپ: تۈركىيەدىكى ناتو باشلىقلار يىغىنىغا ئەردوغان ئۈچۈن قاتنىشىمەن
ئامېرىكا تۈركىيەگە رېئاكتىپ موتور سېتىش مۇساپىسىنى تېزلەتمەكتە