ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
مىنىستىر خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
فىدان ىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنى ئاچ قالدۇرۇش ئارقىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ نېتانياھۇنىڭ ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىدىكى سەمىمىيەتسىزلىكىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
مىنىستىر خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەلىكلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ئۇرۇنۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ
/ AA

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان ھاماس شۇرا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مۇھەممەد ئىسمائىل دەرۋىشكە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنى ئۆز زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىشقا ۋە ئىشغال ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنى بېسىۋېلىشقا قارىتىلغان قەدەملىرىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، فىدان جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا دەرۋىش باشچىلىقىدىكى ھاماس ھەيئىتى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغان.

ھاماس ھەيئىتى غەززەگە يەتكۈزۈلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم مىقدارىنىڭ ئېھتىياجدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىدىكى مۇرسەسسەلەشمەز پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلغان.

فىدان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە خەلقىنى ئاچلىققا دۇچار قىلىش ئارقىلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ پوزىتسىيەنىڭ نېتانياھۇ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاۇرۇش مەسىلىسىدە سەمىمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبەتلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىش ۋە مەجبۇرىي كۆچۈشنى تېڭىش ئارقىلىق غەززە خەلقىنىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى سۇندۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

فىدان تۈركىيەنىڭ سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەكرارلاپ، خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ پەلەستىننى قوللاش ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلغان. فىدان جامائەت پىكرى بېسىمىنىڭ تۈرتكىسىدە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنىڭ بولسا خەلقئارا سەھنىدە كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ يېتىم قېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

فىدان يەنە، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن دەۋاسىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.

خەلقئارالىق ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقلىرىنى رەت قىلغان ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان غەززەگە قاراتقان ۋەھشىيلەرچە ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا. ھۇجۇملاردا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 60 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك قەتل قىلىندى. توختاۋسىز بومباردىمان غەززەنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇش بىلەن بىرگە، ئېغىر يېمەك-ئىچمەك كىرىزىسىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار

ئىزدىنىڭ
ب د ت ئالاھىدە دوكلاتچىسى ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنى «ئەڭ ئەخلاقسىز ئارمىيە» دەپ سۈپەتلىدى
ئۇكرائىنا رۇسىيەدىكى بىر نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى ۋە مارىنوۋكا ھەربىي ئايرودۇرۇمىغا ھۇجۇم قىلدى
قىرغىزىستان نېفىت ئىمپورت قىلىش تورىنى كېڭەيتمەكتە
ھىندونېزىيە ۋە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى مۇداپىئە ۋە ئېنېرگىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
ئىران باش ئىشتاب باشلىقى: دۈشمەننىڭ يېڭى تەھدىتلىرىگە ۋەيران قىلغۇچ زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرىمىز
ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يارىلاندۇرغان پەلەستىنلىك قانسىراپ ئۆلدى
نىگېرىيەدە كېمە ئۆرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسىدە 52 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ياپونىيە ئويۇنخانىغا ئوت قويۇپ 5 كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغان جىنايەتچىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى
گۇتېررېس رۇسىيەنىڭ كىيېۋ ۋە باشقا ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلغان ھۇجۇملىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
رۇسىيە ئامېرىكانى تېھرانغا قارشى تۇتقان پوزىتسىيەسىدە «تاجاۋۇزچى» تەرەپ دەپ ئەيىبلىدى
پاكىستان ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلدى
كۇبا ئامېرىكانى خەلقنىڭ ئاساسىي مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بولۇشىغا توسالغۇ بولۇش بىلەن ئەيىبلىدى
قىرغىزىستان خىتاينىڭ ۋىزا رەسمىيىتىنى قولايلاشتۇرۇش قارارىنى قىزغىن قارشى ئالدى
ئەرمېنىيە ئەنقەرە ۋە باكۇ بىلەن مۇناسىۋەتلەرنى نورماللاشتۇرۇشنى مۇھىم ئورۇنغا قويدى
فىرانسىيەدە «ئۆلۈمگە ياردەم بېرىش» قانۇنى كۈچكە ئىگە بولدى