سۈرىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت شەكىللەنمەكتە

سۈرىيەدە بەئىس ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشىدىن كېيىن قۇرۇلغان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتە كۆپ قىسىم مىنىستىرلىقلاردا ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمىتى ئىشلەندى.

سۈرىيەدە يېڭى ھۆكۈمەت شەكىللەنمەكتە / TRT Uyghur

سۈرىيەدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت مەنبەلىرى، يېڭى ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپە تەقسىماتىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن تاماملانغانلىقىنى، ئەمما ئېھتىياجغا قاراپ يېڭى مىنىستىرلىقلارنىڭ قۇرۇلۇپ، ۋەزىپىگە تەيىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ ئىشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

ھازىرقى ۋەزىپە تەقسىماتىدا، ئەھمەد شارا يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى، مۇھەممەد ئەلبەشىر باش مىنىستىر ۋە ئەسئەد ھەسەن شەيبانى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلەندى.