سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە باش ئەلچىسى: رۇسىيە-ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ
ئالېكساندىر دارچىيېۋ ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىككى تەرەپلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىكى جىددىيچىلىكنى پەسەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە باش ئەلچىسى: رۇسىيە-ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ
رۇسىيە-ئامېرىكا سۆھبىتىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ / AA

رۇسىيەنىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئالېكساندىر دارچىيېۋ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى سۆھبەتنىڭ موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئالېكساندىر دارچىيېۋ سەيشەنبە كۈنى رۇسىيەنىڭ «‹تاسس› ئاگېنتلىقى» (TASS) غا بەرگەن باياناتىدا، بۇ قارارنىڭ سۆھبەتنىڭ «تەييارلىق باسقۇچى» ئىكەنلىكىنى، سۆھبەتنىڭ ئاساسلىق نىشانىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردىكى «جىددىيچىلىك» لەرنى پەسەيتىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ، بۇ سۆھبەتنىڭ يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ قىيىن ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ باسقۇچنىڭ پەقەت ئاقسارايدىكى <مەخپىي كۈچلەر> دەپ ئاتىلىدىغان ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىنلا ئەمەس، بەلكى دۆلەت مەجلىسىدىكى رۇسىيەگە قارشى  لوبىچى گۇرۇپپىلار تەرىپىدىنمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتكەن ئىدىم.»

رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانىڭ ئەلچىخانىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇش ۋە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردىكى توسالغۇلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان سۆھبەتلەر 27-فېۋرال ۋە 10-ئاپرېل كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

رۇسىيە ھەيئىتىگە دارچىيېۋ، ئامېرىكا ھەيئىتىگە  ئامېرىكانىڭ ياۋروپا ۋە ياۋراسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سوناتا كۇلتېر رەھبەرلىك قىلغان ئىدى.

دارچىيېۋ يەنە مۇنداق دېدى:

«ئەڭ مۇھىمى، پۈتۈنلەي تەتۈر يۆنىلىشتە بولسىمۇ، 10-ئاپرېل كۈنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخىرقى قېتىملىق سۆھبەتتە، پايتەختلەرگىمۇ ئەكس ئېتىشىگە قارىتا ئالدىنقى قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدەك كونكرېت نەتىجىلەرمۇ قولغا كەلتۈرۈلدى.

كېلەر قېتىملىق ھەيئەتلەر ئارا سۆھبەت يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.»

بىرىنچى قېتىملىق سۆھبەتلەردىن كېيىن، ۋاشىنگتون دارچىيېۋنىڭ رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈپىتىدە ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىنى تەستىقلىدى.

ئىككىنچى باسقۇچلۇق سۆھبەتتىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك ۋەزىپىلەرنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ۋە بانكا مۇلازىمىتى توغرىسىدا ئۆزئارا نوتا ئالماشتۇردى ھەمدە دىپلوماتلارنىڭ ۋىزا ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن قوشۇمچە تەدبىرلەرنى قوللىنىش مەقسىتىدە پۈتۈشتى.

دارچىيېۋنىڭ قارىشىچە، موسكۋا رۇسىيەنىڭ ئامېرىكادا قولغا چۈشۈرۈلگەن دىپلوماتىك مال-مۈلۈكلىرىنى تېز قايتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكانىڭ مىننېئاپولىس شەھىرىدىكى قوراللىق ھۇجۇمدا 2 كىشى ئۆلدى
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي ئەشيا ئوبوروتى مەركەزلىرى ۋە پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئەزەربەيجاندا ئوق-دورا ئامبىرى پارتلىغاندىن كېيىن 5 مىڭ كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
ئەردوغان: گىرېتسىيە ھەربىيسىز سالاھىيەتتىكى ئاراللارنى قوراللاندۇرۇشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك
ترامپ ئىران بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى ناماز ئوقۇلۇۋاتقان بىر جامەگە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئاتتى
نېپال ۋە خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر سانى 1130 غا يەتتى
ئىستانبۇل دېڭىز ساھىللىرىدا ئىككى سودا پاراخوتى سوقۇلۇپ كەتتى، 10 خادىم يوقاپ كەتتى
ئەدلىيە مىنىستىرى ئاقىن گۈرلەك گىرېتسىيە ئەدلىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى
تۈركىيە ئالەم تەتقىقاتىدا يېڭى قەدەم تاشلاپ «ئارتېمىس ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويدى
گىرېتسىيەلىك سابىق قوماندان: تۈركىيەنىڭ رايوندىكى تەسىر كۈچى زورايماقتا
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان رۇسىيە پىرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن ئىران كېچىچە ئۆزئارا ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئاياللار ۋولېيبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىدە چارەك ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا كىردى
قاتىل ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 462 گە يەتتى