سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
گېرمانىيە: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا «نورد ستىرىم»نى قايتا جانلاندۇرۇش «خاتا» بولىدۇ
گېرمانىيەنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى ئېنېرگىيەگە ئۆتۈش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان ياۋروپانىڭ، رۇسىيە گازىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئۆتمۈشتە قالدۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىپ، «نورد ستىرىم»نى قايتا جانلاندۇرۇشنى رەت قىلدى.
00:00
گېرمانىيە: ئۇكرائىنا ئۇرۇشى جەريانىدا «نورد ستىرىم»نى قايتا جانلاندۇرۇش «خاتا» بولىدۇ
بالتىق دېڭىزىدىكى «نورد ستىرىم 2» تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسىنىڭ ئىشلىتىلمىگەن تۇرۇبىلىرى گېرمانىيەنىڭ مۇكران پورتىدا كۆرۈلدى. / Reuters

گېرمانىيەنىڭ ئىقتىساد ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى رۇسىيە گازىنىڭ ئېقىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن «نورد ستىرىم» گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى جانلاندۇرۇش توغرىسىدىكى سۆھبەتلەرنىڭ «پۈتۈنلەي خاتا يۆنىلىش» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

نورد ستىرىم» تۇرۇبا لىنىيەلىرى رۇسىيە تەبىئىي گازىنىڭ ياۋروپاغا ئېقىشى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە يول ھېسابلىنىدۇ. «نورد ستىرىم 1» تۇرۇبا لىنىيەسى 2011-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە گاز بىلەن تەمىنلىدى. قىممىتى 11 مىليارد دوللار بولغان «نورد ستىرىم 2» تۈرى 2021-يىلى تاماملاندى، بىراق گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى پىلاننى توختاتقانلىقى ئۈچۈن، ھازىرغىچە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلمىدى.

روبېرت ھابېك دۈشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى قايتا جانلاندۇرۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بار-يوقلۇقى توغرىسىدىكى بىر سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، «ئۇكرائىنالىقلار يەنىلا رۇسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى ئاستىدا تۇرماقتا. شۇڭا <نورد ستىرىم 2> ياكى <نورد ستىرىم 1>نىڭ رېمونت قىلىنىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە ئېغىر ئېچىش پۈتۈنلەي خاتا مۇنازىرە يۆنىلىشى ھېسابلىنىدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارWAIT, WHAT! Germany says Ukrainians blew up Nord Stream pipelines

توختا، نېمە! گېرمانىيە، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ «نورد ستىرىم» تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى پارتلىتىۋەتتى، دەۋاتىدۇ

بېرلىن 2022-يىلى سېنتەبىردە ئۇكرائىنالىق بىر غەۋۋاس ئۈستىدىن دېڭىز ئاستى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇم بىلەن چېتىشلىقىنى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.


تۇرۇبا لىنىيەلىرىنى پارتلىتىش 

2022-يىلى سېنتەبىردە «نورد ستىرىم 2»نىڭ ئىككى لىنىيەسىنىڭ بىرى سىرلىق پارتلاشلار نەتىجىسىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، «نورد ستىرىم 1» نىڭ ھەر ئىككى لىنىيەسى تەسىرگە ئۇچرىدى. زىياننىڭ سەۋەبىنى ھېچكىم ئۈستىگە ئالمىدى، بىراق گېرمانىيەنىڭ ئۆز تەكشۈرۈشلىرى ئۇكرائىنالىق غەۋۋاسلارنىڭ ھۇجۇمغا قاتناشقانلىقىنى كۆرسەتتى.

گېرمانىيە نەچچە ئون يىللاردىن بېرى رۇسىيە گازىغا زور دەرىجىدە تايىنىپ كەلدى، بىراق ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىن كېيىن نورۋېگىيە ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلاندى. موسكۋا 2022-يىلى ياۋروپانى تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشنى كېسىپ تاشلاپ، رېكورت يۇقىرى گاز باھاسى بىلەن ئېنېرگىيە كىرىزىسىگە سۆرەپ كىردى.

ھابېك گېرمانىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپانىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە بېقىنىپ قېلىشىدىن ئالغان ساۋاقلىرىنى ئۇنتۇپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلپ، «سوتسىيال دېموكراتلار ۋە گېرمانىيەدىكى مۇھاپىزەتچى پارتىيە گېرمانىيەنىڭ رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە بېقىنىپ قېلىش ھالىتىنى ياراتتى ۋە بۇنى ئىختىيارىي قىلدى.  مەن 2022-يىلى ئېلىنغان ساۋاقنىڭ... ئۇنتۇلۇشىدىن ئەنسىرەيمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇھاپىزەتچى پارتىيەلەر ۋە سوتسىيال دېموكراتلار گېرمانىيەنىڭ ئالدىمىزدىكى ھۆكۈمىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاق تۈزۈش سۆھبەتلىرىنى باشلىدى. Alpha Bank ئۆتكەن ئايدا بىر باياناتىدا، دونالد ترامپنىڭ ئاقسارايغا قايتىشىنىڭ، ئۇكرائىنادا تىنچلىق كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىپ، ياۋروپاغا گاز ئېكسپورتىنىڭ قايتىدىن باشلىنىدىغانلىقى ئۈمىدى بىلەن رۇسىيە ماگناتى گازپروم (Gazprom)نىڭ پاي چېكى باھاسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بەرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

بىراق، نۆۋەتتە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ قايتىدىن رۇسىيە گازىغا بېقىنىشقا ئالدىرىشىغا دائىر ئالامەتلەر يوق.

Financial Times بۇ ئايدا، پۇتىننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىتتىپاقدىشى بولغان بىرىنىڭ، مەبلەغ سالغۇچىلارنى «نورد ستىرىم 2» نى قايتا باشلاش ئۈچۈن ئامېرىكادا لوببىچىلىق قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. گېرمانىيە ھۆكۈمىتى رۇسىيە ئېنېرگىيەسىگە بېقىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىزدىنىڭ
رۇسىيە چەتئەللىكلەرگە ۋە دىپلوماتلارغا كىيېۋدىن ئايرىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلدى
شۋېتسىيە تاماكا چېكىش نىسبىتىنىڭ %5 نىڭ ئاستىغا چۈشۈشى بىلەن تاماكا چېكىلمەيدىغان دۆلەتكە ئايلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرماقتا
ئىسرائىلىيە پىرېزىدېنتى ھېرزوگ ئىسرائىلىيە جەمئىيىتىنى «ۋەھشىي/يىرتقۇچ» دەپ سۈپەتلىدى
تەخمىنەن 2 مىليون مۇسۇلمان ھەج ئۈچۈن مىناغا يۈزلەندى
تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى "25-ماي ئافرىقا كۈنى" ھەققىدە بايانت ئېلان قىلدى
زېلېنسكىي تۈنۈگۈن رۇسىيە ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان كىيېۋ ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى
ئەنگلىيە مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ ئايروپىلانى رۇسىيە چېگراسىغا يېقىن جايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى
فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى رۇسىيە-ئۇكرائىنا مۇزاكىرىلىرىدە ياۋروپاغا ۋەكىللىك قىلىشقا تەييار
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئافرىقا كۈنى ۋە ئافرىقا بىرلىكىنىڭ قۇرۇلغانلىق خاتىرە يىلىنى تەبركلىدى
مالايسىيا غەززە كېمە ئەترىتى ئاكتىپىستلىرى ئۈچۈن ئىسرائىلىيەگە قارشى خەلقئارا سوتقا ئەر سۇنىدۇ
لىۋان پىرېزىدېنتى: «ئىسرائىلىيەنىڭ تامامەن چېكىنىشى دۆلەتنىڭ ئالدىنقى مۇھىم ئىشىدۇر» دېدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەر ئىجابىي، ھۇرمۇزدىكى قامال داۋاملىشىدۇ»
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ئېبولا يۇقۇمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 100 دىن ئاشتى
پېزەشكىيان: «دۇنياغا يادرو قورالنىڭ پېيىدە ئەمەسلىكىمىزگە كاپالەت بېرىشكە تەييارمىز»