خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇچىچ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
سېربىيە پىرېزىدېنتى ئالېكساندىر ۋۇچىچ 27-سېنتەبىر ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ۋە پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامدا ئادەتتىكى بىر پۇقرا سۈپىتىدە سايلام تەشۋىقاتىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇچىچ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
سېربىيە پىرېزىدېنتى ۋۇچىچ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ئالېكساندىر ۋۇچىچ سېربىيەدىكى بىر تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىغا قاتنىشىپ، كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر ۋە 25-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇددەتتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي سايلام ھەققىدە توختالدى.

پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن 27-سېنتەبىر ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋۇچىچ، شۇ كۈنى كەچتە خەلققە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنى قوللىغانلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

سېربىيە كۆپ پارتىيەلىك تۈزۈمگە ئۆتكەندىن بۇيان ئەڭ ئۇزۇن ۋەزىپە ئۆتىگەن پىرېزىدېنت ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋۇچىچ: «بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى بولمىسا، مەن بۇنى قولغا كەلتۈرەلمەيتتىم. شۇنى ئېيتالايمەنكى، مەن سېربىيەگە ۋە بۇ دۆلەتنىڭ پۇقرالىرىغا ساداقەت بىلەن، تىرىشىپ، پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلدىم» دېدى.

ئۇ ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، 25-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇددەتتىن بۇرۇنقى ئومۇمىي سايلامنىڭ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىگە ئادەتتىكى بىر پۇقرا سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى:

«مەن بىر كىچىك يۈك ئاپتوموبىلى سېتىۋالدىم، ئۆزۈمنىڭ ماشىنىسىمۇ بار. ھەممە يەردە قونۇشقا مۇمكىن بولمىغانلىقتىن يەنە بىر كارۋان ئاپتوموبىلىمۇ ئالدىم. مەن ئەڭ چەت يېزىلارغىچە بارىمەن، ئەگەر كېچىچە قېلىشقا توغرا كەلسە، شۇ يەردە قونىمەن. تېخى بارمىغان مىڭلىغان يېزىلار بار، شەھەرلەرنىمۇ ئايلانماقچىمەن.»

ۋۇچىچ سېربىيە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ (SNS) سايلام تەشۋىقاتى دائىرىسىدە پايتەخت بېلگرادنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ شەھەرلەردە يىغىلىش ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پارتىيەسىنىڭ % 50 تىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىشكە مۇناسىپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا
زېلېنسكىي: «موسكۋا ئۇكرائىناغا قارىتىلغان "چوڭ كۆلەملىك بىر ھۇجۇم" تەييارلىقىدا» دېدى
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: «روسىيەگە  ۋاباغا سەۋەب بولغان ئۆلۈم ۋەقەسى توغرىسىدا ئوچۇق يورۇق بولسۇن»
فىرانسىيەلىك پارلامېنت ئەزاسى رىما ھەسەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىسرائىلىيە بايرىقىنى چۈشۈرىۋەتتى