تۈركىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
جەۋدەت يىلماز: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدۇ
جەۋدەت يىلماز بارغانسېرى مۇقىمسىزلىققا يۈزلىنىۋاتقان دۇنيادا تۈركىيەنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئاكتىيورغا ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
جەۋدەت يىلماز: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدۇ
جەۋدەت يىلماز: تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدۇ / AA

مۇئاۋىن  جۇمھۇر رەئىس جەۋدەت يىلماز مۇقىمسىزلىققا يۈزلىنىۋاتقان دۇنيادا تۈركىيەنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئاكتىيورغا ئايلىنىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ھەققانىي بولغان بىلەنمۇ كۈچلۈك بولمىسا، بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ مېھىر – شەپقىتىگە تايىنىپ ياشىغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن جۇمھۇر رەئىسى جەۋدەت يىلماز تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى) دە سۆز قىلغان يىلماز، تۈركىيەنىڭ مۇداپىئە سانائىتىگە ئەھمىيەت بېرىشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىلماز ناتو ئەزالىرىنىڭ مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يىللىق 5 پىرسەنتىنى مۇداپىئە خىراجىتىگە ئايرىش نىشانىنى بەلگىلىگەنلىكىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «SAFE پىروگراممىسى» نى ئېلان قىلغانلىقىنى ۋە گېئوسىياسىي خەتەرلەر يۇقىرى كۆتۈرۈلۈۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادا تۈركىيەنىڭ خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىگە ئىگە ئاكتىيور بولۇشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«مۇداپىئە سانائىتى مەسىلىسىدە قەتئىي مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ.

تۈركىيە ھەر دائىم دىپلوماتىيە ۋە تىنچلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. بۇنىڭ كونكرېت مىسالى، غەززەدىن قاراباغقىچە، ئۇكرائىنادىن سومالى، ئەددىس - ئېبېيبەگىچە نۇرغۇن مەسىلىلەردە دىپلوماتىيە بىلەن تىنچلىقنى ئالدىنقى پىلانغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىدۇر.

شۇنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتۇقكى، ھەققانىي بولغىنىڭىز بىلەن كۈچلۈك بولمىسىڭىز، بۇ دۇنيادا باشقىلارنىڭ مېھىر - شەپقىتىگە تايىنىپ ياشىيالمايسىز. غەززەدە بۇنى كۆردۇق. شۇڭا ھەم كۈچلۈك بولىمىز ھەم ھەققانىي بولىمىز. ئىككىسىنى بىر يەرگە جەم قىلىشقا مەجبۇرمىز، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنى چوقۇم ئىشقا ئاشۇرىمىز.»

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان: تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ ئۇچۇش تورىغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندۇردۇق
تۈركىيە ئىسرائىلىيە بىلەن چېتىشلىقى بار بىر شايكىغا ئېغىر زەربە بەردى: 175 كىشى قولغا ئېلىندى
تۈركىيە بىرازىلىيە بىلەن تۈزگەن مۇداپىئە سانائىتى ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى
رۇسىيەدە ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ كۈلەڭگىسىدە پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكتە
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا دۇنياغا خىتاب قىلىدۇ
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
جەنۇبىي كورېيە ھۈرمۈز بوغۇزىدا جەڭ ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلدى
ترامپ: پولشادا ئامېرىكا ھەربىي بازىسى قۇرۇش مەسىلىسىدە مۇھىم ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
پېنتاگون ياۋروپادىكى 40 مىڭغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنى چېكىندۈرۈشنى ئويلاشماقتا
يەمەن ئارمىيەسى تەئىزنىڭ غەربىدىكى توقۇنۇشلاردا 30 ھۇسىينىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئەرمېنىيە باش مىنىستىرى پاشىنيان: بىزنىڭ رۇسىيە ھەربىي بازىسىغا ئېھتىياجىمىز يوق
ئۈسكۈپتە «تۈرك تىلىغا بېغىشلانغان پورترېتلار» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلدى
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن 20 مىڭ بالىنىڭ ئىسمى يېزىلغان سىمۋوللۇق كېپەن ب د ت دا كۆرگەزمە قىلىندى