خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ئىرانغا يادرو قورالى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا قارشى يادرو قورالى ئىشلىتىش پىلانىنىڭ يوقلۇقىنى، ۋاشىنگتوننىڭ تېھراننىڭ ھەربىي كۈچىنى «ئەنئەنىۋى قوراللار بىلەنلا يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىقى»نى ئەسكەرتتى.
ترامپ ئىرانغا يادرو قورالى ئىشلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى
ترامپ ئامېرىكىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى «تولۇق كونترول» قىلىدىغانلىقىنى، سۆھبەتلەر ھەل بولغۇچە ئۇنى تاقاپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. / Reuters

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىرانغا يادرو قورالى بىلەن زەربە بېرىش پىلانىنىڭ بارلىقىنى رەت قىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىش پۇرسىتىدىن پايدىلانغان تېھراننىڭ يادرو زاپىسىنى قايتىدىن تولۇقلىغان بولۇشى مۇمكىنلىكىگە ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئاق سارايدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «ياق! ئىراننى يادرو قورالىسىزمۇ پۈتۈنلەي تىز پۈكتۈرۈش ئىقتىدارىمىز تۇرسا، بۇنداق قورالنى ئىشلىتىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەسلىدە ھېچقانداق دۆلەتنىڭ يادرو قورالى ئىشلىتىشىگە ھەرگىز يول قويۇلماسلىقى كېرەك» دېدى. ئۇ يەنە ئىراننىڭ ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا ھەربىي جەھەتتىن بىر ئاز ئەسلىگە كېلىۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ئۇلارنىڭ دېڭىز، ھاۋا ئارمىيەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى پۈتۈنلەي بىتچىت قىلىندى. ئەگەر بۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە نېمىلەرنى تولۇقلىۋالغان بولسا بولسۇن، بىز ئۇنى بىر كۈندىلا يوقىتىپ تاشلايمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق ئەمەس، بەلكى مەڭگۈلۈك ۋە ئەڭ پايدىلىق بىر كېلىشىم تۈزۈشنى نىشان قىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ترامپ 7-ئاپرېلدا ئىرانغا «بىر پۈتۈن مەدەنىيەت بۈگۈن كېچە يوق بولىدۇ» دەپ تەھدىت سالغان بولسىمۇ، ئارقىدىنلا ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە بىرلىشىپ قوزغىغان ئۇرۇشنى توختىتىپ تۇرۇشنى قوبۇل قىلغان ۋە شۇنىڭدىن بۇيان بۇ مۇددەتنى ئۇزارتىپ كەلگەنىدى.

ھورمۇز بوغۇزى ۋە ئېنېرگىيە كىرىزىسى

ترامپ ھورمۇز بوغۇزىنىڭ تولۇق كونتروللۇقىنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، سۆھبەت تاماملىنىپ مەسىلە ھەل بولمىغۇچە بوغۇزنىڭ ئېچىلمايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئۇلار بوغۇزنى ئېچىشىمىزنى ئۆتۈندى، لېكىن مەن رەت قىلدىم. چۈنكى بوغۇز ئېچىلسا، ئىران كۈنىگە 500 مىليون دوللار كىرىم قىلىدۇ. مەن بۇ مەسىلە تولۇق ھەل بولمىغۇچە ئۇلارنىڭ بۇنداق پۇلغا ئېرىشىشىنى خالىمايمەن» دېدى.

ئۇ يەنە ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان ھەربىي ھەرىكىتى تۈپەيلى پۈتۈن دۇنيادا ئۆرلەپ كەتكەن ئېنېرگىيە باھاسى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ بىر مەزگىل يۇقىرى بېنزىن باھاسىغا بەرداشلىق بېرىشىگە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ترامپنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى — ئامېرىكا شەھەرلىرىگە ياكى يېقىن شەرق رايونىغا تەھدىت سالىدىغان يادرو قورالىدىن خالىي بىر ئىران شەكىللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەن.

ئىران ئىزچىل تۈردە يادرو قورالى ياساش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن بولسا، خەلقئارا يادرو ئېنېرگىيەسى ئورگىنىمۇ ئۇرۇش پارتلاشتىن ئىلگىرى تېھراننىڭ ئاتوم بومبىسىغا ئېرىشىشىگە يەنىلا ۋاقىت بارلىقىنى مۆلچەرلىگەنىدى. تارىختا يادرو قورالى ئىشلەتكەن بىردىنبىر دۆلەت ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بولۇپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا خىروشىما بىلەن ناگاساكىنى ۋەيران قىلىپ، 214 مىڭغا يېقىن كىشىنىڭ جېنىغا زىمىن بولغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكانىڭ يېقىن ئىتتىپاقدىشى ئىسرائىلىيەنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئاشكارا «سىر» بولسىمۇ، تېل ئاۋىۋ دائىرىلىرى بۇنى تېخىچە رەسمىي ئېتىراپ قىلغىنى يوق.

ئىزدىنىڭ
ئالىملار ئىتالىيەدە ئاياللار ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان يېزىنى بايقىدى
30 دوللارغا سېتىۋېلىنغان رەسىم كىمئارتۇقتا 1 مىليون 350 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ChatGPT پىلانلانغاندەك ئىشلىمەيۋاتىدۇ، خەۋپ - خەتەر شەكىللەندۈرۈۋاتىدۇ
فىرانسىيەدىكى ئوقۇغۇچىلار نامايىشى دۆلەتنى قالايمىقانچىلىق گىردابىغا ئىتتىردى
مېتېئورولوگىيە تەشكىلاتى ئاگاھلاندۇردى: ئەل نىنو تېمپېراتۇرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ
گۇتېررېس پاكىستان رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى: ئۇچرىشىشتا كەشمىر ۋە رايون تىنچلىقى مۇزاكىرە قىلىندى
ھاماس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىغا ئائىت دەۋالىرىنى رەت قىلدى
ئامېرىكا تاراتقۇلىرى: ترامپ ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامدىن بۇرۇن ئىرانغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىماقتا
ئىران: ئامېرىكانىڭ ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش تەكلىپلىرىگە جاۋاب مۇرەسسەچىلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ
پاكىستان ھەربىي قىسىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈردى
ئەردوغان بىلەن پۇتىن قارا دېڭىز بىخەتەرلىكى ۋە رۇسىيە—ئۇكرائىنا مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇبىيو: ئىران ھورمۇز بوغۇزىدىكى كونتروللۇقىنى «پۈتۈنلەي يوقاتتى»
پاكىستان  مۇساپىسى ئۇزارتىلغان فاتىھ -4   باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سىناق قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يىللاردىن بۇيان غەززەنىڭ ئەڭ ياڭراق ئاۋازى بولۇپ كەلدى
پۈتكۈل دۇنيا ئۈچ يىلدىن بۇيان تارىختىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىققا شاھىت بولماقتا