خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى (پېنتاگون) نىڭ ئىران بىلەن ئۇرۇشتا ئازايغان ئوق-دورا زاپىسى ئۈچۈن مۇداپىئە شىركەتلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلىشىشنى ئىلتىماس قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار بىلەن ئوق-دورا زاپىسىنىڭ ئازايغانلىقى سەۋەبىدىن مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىدىن قورال ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئىگىلىگەن ۋە ئىلگىرى ئېلان قىلىنمىغان پېنتاگون ھۆججىتىگە ئاساسلانغاندا، مۇئاۋىن مۇداپىئە مىنىستىرى ستىۋ فېينبېرگ مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىنىڭ مەسئۇللىرىغا يوللىغان يازما تەلەپتە، ھالقىلىق ھەربىي ئىقتىدارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەقسىمات مۇساپىلىرىنى تېزلىتىشنى تەلەپ قىلغان.

فېينبېرگ شىركەتلەردىن «تېخىمۇ تېز ۋە كۆلىمى يۇقىرى تەقسىمات جەدۋەللىرى» تۈزۈپ چىقىش ياكى ھالقىلىق ئىقتىدارلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش پىلانلىرىنى 21 كۈن ئىچىدە پېنتاگونغا سۇنۇشنى ئىلتىماس قىلغان.

«يىللارچە داۋاملاشقان ئىلگىرىلەش مۇساپىلىرى قوبۇل قىلىنمايدۇ» جۈملىسىنى ئىشلەتكەن فېينبېرگ، پروگرامما جەدۋەللىرىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى دەرىجىدە تېزلىتىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ تېخىمۇ كېڭەيتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

فېينبېرگ مۇداپىئە سانائىتى شىركەتلىرىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي مەبلەغ سېلىش ۋە مۇئەسسەسەلەرنى كېڭەيتىش پىلانلىرىنى سۇنۇشنىمۇ تەلەپ قىلدى.

ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش، ئوق-دورا زاپاسلىرىنى تۈگەتتى

ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشنىڭ تۇنجى ئېيىدا 850 دىن ئارتۇق توماخاۋك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، 1000 دىن ئارتۇق پاترىئوت بىلەن تېرمىنال يۇقىرى ئېگىزلىك ھاۋا مۇداپىئە (THAAD) سىستېمىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكى، بۇنىڭدىن باشقا ئارمىيەنىڭ تاكتىكىلىق باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىدىن 1300 دىن ئارتۇق ئاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزىنىڭ (CSIS) ئانالىزىغا قارىغاندا، ئۇرۇشتىن ئىلگىرى تەخمىنەن 2200 بولغان يەر شارى خاراكتېرلىك پاترىئوت باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسى 827 گە ۋە ئەسلىدىكى سانى 452 بولغان THAAD باشقۇرۇلىدىغان بومبا زاپىسى بولسا 278 نىڭ ئاستىغا چۈشۈپ قالغان.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، مايدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھالقىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قىسىملىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈچ ھەسسە ئاشۇرۇش مەقسىتىدە بوئىن (Boeing) ۋە لوكخېد مارتىن (Lockheed Martin) بىلەن كېلىشىم رامكىسى تۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



ئىزدىنىڭ
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى
ئىسرائىلىيە گېزىتى: قەرزدارلارنىڭ قەرزلىرىنى كەچۈرۈم قىلىپ، ئىرانغا تاجاۋۇز قىلىشقا ئەۋەتىڭلار