سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا باجلىرىنى ئېلان قىلدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن %34 تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكا ئۈستىدىن خەلقئارا سودا تەشكلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا باجلىرىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ تاموژنا باجلىرىنى ئېلان قىلماقتا / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جاكارلىغان كەڭ دائىرىلىك تاموژنا باجلىرى شەنبە (5-ئاپرېل) كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ترامپنىڭ تاموژنا باجلىرى ئۆچ ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىدىغان سودا جىددىيلىكىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن.

10% لىك «ئاساسىي» تاموژنا بېجى يېرىم كېچىدە كۈچكە ئىگە بولىدىغان بولۇپ، مېكسىكا ۋە كانادادىن ئىمپورت قىلىنغان ماللارغا قارىتا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

9-ئاپرېل (2025)  ياۋروپا ئىتتىپاقى، ياپونىيە ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 60 ئەتراپىدىكى دۆلەتكە تېخىمۇ يۇقىرى تاموژنا بېجى يولغا قويۇلىدۇ. 

ترامپنىڭ كېلەر ھەپتە باشلىنىدىغان خىتاي تاۋارلىرىغا قاراتقان %34 لىك تاموژنا بېجى، بېيجىڭنىڭ 10-ئاپرېلدىن باشلاپ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن %34 تاموژنا بېجى ئېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بېيجىڭ يەنە، ئامېرىكا ئۈستىدىن دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى، داۋالاش ۋە ئېلېكترون تېخنىكىسىدا ئىشلىتىلىدىغان كەم ئۇچرايدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ ئېكسپورتىغا چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بىراق، ئامېرىكانىڭ باشقا ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى خەلقئارادا يۈز بېرىۋاتقان تىركىشىش ۋە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش ئەندىشەسى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى تۇتۇۋالدى.

ترامپ جۈمە كۈنى (4-ئاپرېل) ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا «خىتاي خاتا ئۇسسۇل ئويناۋاتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇنىڭ «ئۇلار قىلالمايدىغان ئىش» ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Trump tariffs wipe $5 trillion off Wall Street as China slaps counter-tariffs on US imports

بازارلارنىڭ چۈشۈپ كېتىشى

جۇمە كۈنى ۋال ستىرىت ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئاكسىيە بازارلىرىدىكى چۈشۈشكە ئەگەشتى.

ئىقتىسادشۇناسلار تاموژنا بېجىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشنى كەلتۈرۈپ چىقرىپ، پۇل پاخاللىقىنى ئاشۇرۇشى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ترامپ ئۆزىنىڭ «ھەقىقىي مېديا» سۇپىسىدا، «مېنىڭ سىياسەتلىرىم ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ ئۇچۇر ھەمبەھرلىدى.

ترامپنىڭ ئەڭ يېڭى تاموژنا بېجىدا دىققەتكە سازاۋەر بەزى نۇقتىلار بار. يېقىندا بېكىتىلگەن پولات، ئاليۇمىن ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ ئىمپورتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان %25 لىك تاموژنا بېجى ئايرىم تۇتۇلغان.

 ئاقساراينىڭ بىلدۈرۈشىچە، مىس، دورا، يېرىم ئۆتكۈزگۈچلەر «مەلۇم مۇھىم مىنېراللار» ۋە ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرى ۋاقىتلىق كەچۈرۈم قىلىنغان. لېكىن ترامپ مىس ۋە ياغاچ ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - How the world reacted to Trump's tariffs

ئىزدىنىڭ
رۇسىيەدىن ئامېرىكاغا دىزېل توشۇيدىغان تۇنجى ماي توشۇش پاراخوتى يولغا چىقماقچى
ھۇسىيلار گۇرۇھى ئەدەندىكى ھەربىي لاگېرغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
فرانسىيەدىكى نامايىشلاردا 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
فرانسىيەدە Mirage 2000D تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا 153 كىشى قازا قىلدى
شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى نىشان قىلماقتا
سىپېيس ئېكس بىلەن تېسلا بىرلىشىشى مۇمكىن
ئىنتېرنېت سۈرئىتىنى ئاستىلىتىش بۇيرۇقىنى كىم چۈشۈردى؟
ئىران: قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇراننىڭ بىر گىرامىمۇ دۆلىتىمىزدىن چىقىرىلمايدۇ
ئەرەب ئىتتىپاقداش قىسىملىرى: مەدىنە ۋە شەرقىي رايوندا بەش ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى توسۇپ چۈشۈرۈلدى
ترامپ ھۆكۈمىتى 300 مىڭدىن ئارتۇق ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قارا دېڭىزغا قوشۇمچە ئەسكەر ۋە ھەربىي لازىمەتلىكلەرنى ئەۋەتىدۇ
مېرز: تۈركىيەدىن كەلگەن كۆچمەنلەر گېرمانىيەنى بېيىتتى
ۋىتكوف زېلېنىسكىي بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن پۇتىنغا يېڭى تىنچلىق تەكلىپىنى سۇنىدۇ
ب د ت: «غەززەدە كىشىلەر ئۈمىدىنى يوقىتىشقا ۋە ئۇنتۇلۇپ قالغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدى»