خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مېكسىكا پىرېزىدېنتى ۋېنېزۇئېلادىكى ئامېرىكا ھەربىي مۇداخىلىسىنى ئەيىبلىدى
پىرېزىدېنت شەينباۋم مېكسىكا زېمىنىدا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر مۇداخىلە ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى.
مېكسىكا پىرېزىدېنتى ۋېنېزۇئېلادىكى ئامېرىكا ھەربىي مۇداخىلىسىنى ئەيىبلىدى
مېكسىكا پىرېزىدېنتى ۋېنېزۇئېلادىكى ئامېرىكا ھەربىي مۇداخىلىسىنى ئەيىبلىدى / Reuters

مېكسىكا پىرېزىدېنتى كلاۋدىيە شەينباۋم ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلاغا قارىتا ئېلىپ بارغان ھەربىي مۇداخىلىسىنى ۋە نىكولاس مادۇرونىڭ تۇتۇپ كېتىلىشىنى ئەيىبلەش بىلەن بىرگە، لاتىن ئامېرىكاسىدىكى ھەر قانداق ھەربىي مۇداخىلىنى رەت قىلدى ھەمدە مېكسىكا زېمىنىدا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ھۇجۇمنىڭ ئېلىپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنى رەت قىلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەنلىك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، شەينباۋم مېكسىكانىڭ ھەر قانداق چەت ئەل مۇداخىلىسىنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ پوزىتسىيەنىڭ پەقەت مېكسىكا ئاساسىي قانۇنىغىلا ئەمەس، بەلكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگىمۇ ئاساسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شەينباۋم: «باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا مۇداخىلە قىلىشنى كەسكىن رەت قىلىمىز. لاتىن ئامېرىكاسى ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق ۋە كىشىنى چۆچۈتىدىغان ھەقىقەت شۇكى: مۇداخىلە ھېچقاچان دېموكراتىيە ئېلىپ كەلمىدى، ھېچقاچان پاراۋانلىق ياراتمىدى، شۇنداقلا تۇراقلىق بىر مۇقىملىق بىلەنمۇ تەمىنلىيەلمىدى» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

مادۇرو ۋە ئايالى سىلىيا فلورېس، شەنبە كۈنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاستىكى كۆپلىگەن نىشانلارغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلىش بۇيرۇقىنى بېرىشىدىن كېيىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئىدى. ۋېنېزۇئېلا ئەمەلدارلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇملاردا ئاز دېگەندە 80 كىشى قازا قىلغان.

مېكسىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇان رامون دې لا فۇئېنتېمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ب د ت نىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋېلىشىنى ئەيىبلىدى. ئۇ ب د ت نىڭ بىر تەرەپلىمە ۋە زورلۇق كۈچ ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلمىشلار ئالدىدا كەسكىن قەدەم بېسىشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەنىلا بىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كۆپ تەرەپلىمىلىك قۇرۇلمىمىز. بىز ئىگە بولغان ئەڭ ياخشى ئورگان شۇ. لېكىن ئەپسۇسكى، بۈگۈنكى كۈندە زومىگەر كۈچلەرنىڭ ھوقۇقنى سۇيىئىستېمال قىلىشىنى چەكلەشتە ئۈنۈمسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. خەلقئارا قانۇننىڭ كۈندىلىك دەپسەندە قىلىنىشىنى ئەيىبلەش ئۈچۈن بەك تەستە ئاۋاز چىقىرىلىۋاتىدۇ» دېدى.

ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا مۇداخىلىسىدىن دەرھال كېيىن، ترامپ مېكسىكا ۋە كولومبىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا لاتىن ئامېرىكاسى دۆلەتلىرىنىمۇ ئېھتىماللىققا ئىگە نىشانلار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خەلقئارالىق زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنىڭ مەركىزى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ترامپ مېكسىكىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە شەينباۋمنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك گۇرۇھلىرىدىن «قورقىدىغانلىقىنى» ۋە بۇ گۇرۇھلارنىڭ دۆلەتتىكى ھەقىقىي باشقۇرغۇچى كۈچ ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىپ، ھەربىي مۇداخىلە ئېھتىماللىقىغا ئىشارەت قىلدى.

مەتبۇئات يىغىنىدا شەينباۋم ۋېنېزۇئېلادىكى مۇداخىلىگە ئوخشاش ھەر قانداق سېنارىيەنى رەت قىلىپ: «بىر بېسىۋېلىش بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمەيمەن. بۇنىڭ ئۇلار تەرىپىدىنمۇ بەك ئەستايىدىللىق بىلەن قارىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىمايمەن» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

شەينباۋم يەنە ترامپنىڭ قايتا-قايتا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مېكسىكاغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىشىنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەكلىپنى قەتئىي رەت قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

شەينباۋم ترامپنىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مېكسىكاغا كىرىشى كېرەكلىكىدە كۆپ قېتىم چىڭ تۇرغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا بۇنىڭغا ئىنتايىن كەسكىنلىك بىلەن «ياق» دېگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىرىنچىدىن، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغدىغانلىقىمىز ئۈچۈن؛ ئىككىنچىدىن، بۇ ئەھۋال زۆرۈر بولمىغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلدۇق» دەپ چۈشەندۈرۈش بەردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Venezuela's Machado hasn't spoken to Trump since October, plans to return 'as soon as possible'
ئىزدىنىڭ
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى
تىكتوك 400 مىليون دوللار تۆلەم تۆلەيدۇ
ئىران ئارمىيە باياناتچىسى: ئىران ھەربىي ئىستراتېگىيەسىنى مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆزگەرتتى
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك ئەمەلدارلىرى: نېتانىياھۇ تۈركىيە بىلەن «كېرەكسىز» جىددىيچىلىك پەيدا قىلماقتا
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: تۈركىيە سۈرىيەنى قايتا قۇرۇشتىكى «ھالقىلىق شېرىك»