ئىقتىساد
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە 2026-يىلى يانۋاردىن ئاپرېلغىچە بولغان مەزگىلىدە لىمون ئېكسپورتىدىن 195 مىليون دوللار كىرىم قىلىپ، %18 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى
تۈركىيە تۆت ئاي ئىچىدە 195 مىليون دوللارلىق لىمون ئېكسپورت قىلدى

ئەگە ئېكسپورتچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، تۈركىيە لىمون ئېكسپورتىدا دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا 5-ئورۇندا تۇرىدىكەن.

ئەگە يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتچىلىرى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى جەنگىز بالىق، ئېكسپورت مىقدارىنىڭ تۈر جەھەتتىن ئازايغانلىقىنى، ئەمما كىرىمنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئېكسپورت باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ 2025-يىلى ئىشقا ئاشۇرغان 3 مىليارد 703 مىليون دوللارلىق يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورتىنىڭ %11 نىڭ لىمونغا تەۋە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان بالىق، ئىشلەپچىقىرىلغان يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنىڭ ئوتتۇرىچە %7 نىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىنى، لىموندا بولسا بۇ نىسبەتنىڭ %33 كە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

نىشاننى 500 مىليون دوللاردىن ئاشۇرۇش

بالىق يانۋار-ئاپرېل مەزگىلىگە قارىتا: «لىمون ئېكسپورتىمىز %18 ئېشىپ، 165 مىليون دوللاردىن 195 مىليون دوللارغا يەتتى. 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدا لىمون ئېكسپورتىنى 500 مىليون دوللاردىن ئاشۇرۇشنى نىشان قىلىۋاتىمىز» دېدى.

تۈركىيەنىڭ 2002-يىلى 230 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولغان لىمون ئېكسپورتىنىڭ 2024-يىلى 577 مىڭ توننىغا يەتكەنلىكىنى قەيت قىلغان بالىق، 2026-يىللىق ھوسۇل ھەققىدە توختىلىشنىڭ تېخى بالدۇر ئىكەنلىكىنى، ئەمما 2025-يىلىدىكىدىن يۇقىرى ھوسۇل كۈتۈۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بالىق يانۋار-ئاپرېل مەزگىلىدە ئەڭ كۆپ تەلەپتە بولغان دۆلەتلەر رەت تەرتىپىدە ئىراقنىڭ 64 مىليون 500 مىڭ دوللار بىلەن بىرىنچى، رۇسىيەنىڭ 50 مىليون دوللار بىلەن ئىككىنچى، رۇمىنىيەنىڭ بولسا 14 مىليون 500 مىڭ دوللارلىق ئېكسپورت بىلەن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ھىندىستاندا قارا يامغۇر سەۋەبىدىن 16 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى توققۇزىنچى كېچىسىمۇ داۋاملاشتى
دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ئىسپانىيە بولدى
رۇسىيە كېچە بويىچە كىيېۋنى بومباردىمان قىلدى
ئامېرىكا ئىراننىڭ قەشم ئارىلىنى بومباردىمان قىلدى
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى