ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئالتۇن تۇنجى قېتىم 4500 دوللاردىن ئاشتى
جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئېنىقسىزلىقلار بىلەن فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (Fed) نىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ باھاسى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى.
يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئالتۇن تۇنجى قېتىم 4500 دوللاردىن ئاشتى
يەر شارى خاراكتېرلىك جىددىي ۋەزىيەت كۈچىيىۋاتقان بىر پەيتتە ئالتۇن تۇنجى قېتىم 4500 دوللاردىن ئاشتى / AP
2025-يىلى12-ئاينىڭ25-كۈنى

چارشەنبە كۈنى ئالتۇن، ئامېرىكا بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئوتتۇرىسىدا كۈچىيىۋاتقان جىددىيچىلىك ۋە ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىتىلىش مۆلچەرىگە ئائىت ئەندىشىلەرنىڭ تەسىرىدە ئۇنسىيەسى 4525.96 دوللار بىلەن رېكورت ياراتتى.

تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەندىن كېيىن، ئالتۇن باھاسى تۈركىيە ۋاقتى 08:50 ئەتراپىدا ئۇنسىيەسى 4495.9 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، يىللىق ئاساستا قىممىتى تەخمىنەن %72 ئۆتلىگەن بولدى.

كۈمۈش باھاسىمۇ يۇقىرى ئۆرلەپ، تارىخىي سەۋىيە بولغان 72.7 دوللارغا چىقتى. كۈمۈشنىڭ قىممىتى ئېشىش نىسبىتى ئۆتكەن 12 ئاي ئىچىدە تەخمىنەن 144% بولۇپ خاتىرلەندى.

بۇ يىلنىڭ ئۈچىنچى پەسلىدە ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك ئېشىشىدىن كېيىن، يەر شارى ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلاپ قېلىشىغا بولغان ئەندىشىلەر بىلەن بىرگە 2026-يىلى قوشۇمچە ئۆسۈم تۆۋەنلىتىلىدىغانلىقىغا بولغان مۆلچەرلەر، خەۋپسىز پاناھگاھلارغا بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇردى.

ئامېرىكانىڭ ئومۇمىي ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى (GDP) ئۈچىنچى پەسىلدە يىللىق%4.3 نىسبىتىدە ئېشىپ بازار مۆلچەرىدىن ھالقىپ كەتتى ۋە ئۆتكەن ئىككى يىلنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى ياراتتى.

ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن مۇناسىۋەتلىك نېفىت چەكلەش ئىشلىرىغا قارىتا نازارەت ۋە ئېمبارگو پائالىيەتلىرىنى ئاشۇرۇشى بىلەن ۋاشىنگتون بىلەن كاراكاس ئوتتۇرىسىدىكى جىددىيچىلىك كۈچەيمەمكتە. بۇ ئەھۋال يەر شارى خام نېفىت ئېقىمىدا كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان ئۈزۈلۈشلەرگە قارىتا يېڭى ئەندىشىلەرنى پەيدا قىلىش بىلەن بىرگە، دۇنيادىكى جۇغراپىيەلىك سىياسىي ئېنىقسىزلىقنىمۇ ئاشۇرماقتا.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، ۋېنېزۇئېلانىڭ نېفىت كىرىمىنى ئامېرىكىغا قارىتىلغان «قانۇنسىز» كۆچمەنلىك ۋە «زەھەرلىك چېكىملىك توشۇش» نى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

بۇ ئۆرلەشنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، مەركىزىي بانكىلارنىڭ زاپاسلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئالتۇن سېتىۋېلىشى دەپ قارالماقتا.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Gold surges to a new record high amid geopolitical tensions

 

ئىزدىنىڭ
كرىپتو شىركىتى خاتا ھالدا ئابونتلارغا بىت تەڭگىسى ئەۋەتىپ قويغان
رۇسىيە ئامېرىكانىڭ بېسىمىغا قارىماي كۇبانى نېفىت بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
سەئۇدى ئەرەبىستان-تۈركىيە مەبلەغ سېلىش مۇنبىرى رىيادتا ئېچىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مەركىزىي بانكىغا يېڭى مۇئاۋىن رەئىسلەرنى تەيىنلىدى
ترامپ كېۋىن ۋارشنى ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ باشلىقلىقىغا نامزات كۆرسەتتى
ئالتۇن جۈمە كۈنى شىددەت بىلەن چۈشتى
ترامپ ئامېرىكا مەركىزىي بانكاسىنىڭ نامزاتىنى بۈگۈن ئېلان قىلىدۇ
رېكورت ئۈستىگە رېكورت: ئالتۇننىڭ ئۇنسىيە باھاسى 5500 دوللاردىن ئېشىپ كەتتى
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتى ماگناتى ئاسەلسان 171 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت كېلىشىمى ئىمزالىدى
تۈركىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ زاپىسى تۇنجى قېتىم 200 مىليارد دوللاردىن ئاشتى
بېيجىڭ: تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلغۇچىسى بولمايدۇ
ترامپ ئىران بىلەن سودا قىلغان دۆلەتلەرگە %25 لىك تاموژنا بېجى قويدى
توكيو كىمئارتۇق سودىسىدا بىر بېلىق 3 مىليون 200 مىڭ دوللارغا سېتىلدى
تۈركىيە خوڭكوڭ بىلەن تۈزۈلگەن مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى ماقۇللىدى
ھىندىستان شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن سودا كېلىشىمى تۈزۈش قەدىمىنى تېزلەتتى
خىتاي خەينەننى باجسىز رايونغا ئۆزگەرتتى
رۇسىيە – پاكىستان ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تىرىشماقتا
رۇسىيە مەركىزىي بانكاسى ياۋروپانىڭ پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى
قازاقىستان كاسپىي تۇرۇبا يولى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاچقا، نېفىتىنىڭ بىر قىسمىنى خىتايغا يۆتكەيدىكەن
تۈرك دۇنياسى ئېنېرگىيە مىنىستىرلىرى ئىستانبۇلدا جەم بولىدۇ